«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پار

①سۈپەت [رۇسچە] بىر يۈرۈش، بىر قۇر (كىيىم-كېچەك ھەققىدە): بىر پار كىيىم. ②سۈپەت [رۇسچە] جۈپ: بىر پار پايپاق. بىر پار ئاياغ. بىر پار ياغلىق. ③سۈپەت [رۇسچە] بىر-بىرىگە ماس، تەڭ:-قانداق خانىملار، بىزنىڭ سەنۇبەر ھەربىرلىرىگە پار كېلەمدىكەن؟ ④ئىسىم [رۇسچە] سۇنىڭ گاز ھالىتى؛ ھور: پار قازىنى. پار تۇرۇبىسى. پارغا ئايلانماق. ⑤ئىسىم [رۇسچە] <بىناكارلىق> پار قازىنىدا قىزدۇرۇپ ئۆيىمارەتلەرنى ئىسسىتىش ئۈچۈن تۇرۇبا ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن ھور ياكى ئىسسىق سۇ. ⑥ئىسىم [رۇسچە] <بىناكارلىق> ئۆي ئىچىگە ئورنىتىلغان رادىئاتور ۋە پار تۇرۇبىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى: ئۆيگە پار ئورناتماق. ⑦تەقلىد سۆز. قۇياش، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ نۇر چېچىش ھالىتى؛ ۋال: بۇ خىل مۇھەببەت يوپۇرماق ئۈستىدىكى بىر تامچە شەبنەم، كۈن پارلا قىلسا يوق.

پارنىك

ئىسىم [رۇسچە] ھەر خىل گۈلگىياھ، كۆكتات، مايسا قاتارلىقلارنى تېز ئۆستۈرۈش، يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۈستى يېپىق ئەينەكلىك جاھازا، خانا؛ بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىسسىقلىق بېرىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ساقلاپ قېلىنىدۇ: پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرمەك.