«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۇشتەك

ئىسىم. مېتال، يالتىراق قاتارلىقلاردىن ياسالغان، پۈۋلەپ چالىدىغان كىچىك سايمان. بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىش، گىمناستىكا، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ: پۇشتەك چالماق.

پۈتكۈزمەك

①«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: بۇ سۆھبەت بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى يېزىپ پۈتكۈزدى. ②«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ناھايىتى خۇشال بولغان پادىشاھ لەشكىرى مىرزىنى ئالدىغا چاقىرتىپ تىلخەت پۈتكۈزۈپتۇ. ③«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇنىڭ بەرگەن دورىسى بۇرنۇمنى پۈتكۈزۈپ قويدى.