«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۈۋ

تەقلىد سۆز. ئاستىۈستى كالپۇكنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ تۇرۇپ، ھاۋانى قاتتىق چىقارغاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز: ئۇنىڭ يۈرىكى سالغاندەك بولدى-دە، «پۈۋ» قىلىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ بېشىنى چىڭ پۈركەپ يېتىۋالدى.

پاتقاق گازى

<خىمىيە> يۇندا ۋە سېسىق سۇ كۆلچەكلىرىگە كۆمۈلگەن ئۆسۈملۈك تەنلىرىنىڭ چىرىپ، سېسىپ ئېچىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان گاز. بۇنى يېقىلغۇ ياكى خىمىيە سانائەت خام ئەشياسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

پادىشاھلىق

ئىسىم ① پادىشاھ بولۇش، پادىشاھ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، خىزمەت: بۇ قەلەندەر ئون تۆت يىل پادىشاھلىق قىلدى. ②سۈپەت. پادىشاھلارغا خاس: پادىشاھلىق ئۇنۋان. پادىشاھلىق سۈپەت. ③ئى<تارىخ> پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەت: سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى. ④ئىسىم. پادىشاھلاردەك باياشاتلىق؛ ھۇزۇر-ھالاۋەت: تەننىڭ ساقلىقى-پادىشاھلىق (ماقال).