«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۇچۇلماق

پېئىل ①بىر پۈتۈن ساق نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى سۇنۇپ كەتمەك، پۇچۇقلانماق، پۇچۇق بولماق: چەينەكنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتتى. ②قاتلىنىپ پۇرلىشىپ، ئەسلىي قىياپىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك: قوليازمىنىڭ چۆرىلىرى پۇچۇلۇپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەرد-ئەلەم، ئازاب دەستىدىن ئەسلىي كۆرۈنۈشنى يوقاتماق، قورۇق چۈشۈپ، سەتلەشمەك (يۈز، چىراي ھەققىدە): ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ، گۈزەل ھۆسنى پۇچۇلغانىدى.

پۇراتماق

①«پۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: گۆشنى پۇرىتىپ قويماق. ياغ پۇراتماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە دېمەكچى بولغىنىنى ئەسكەرتمەك، شەپە بەرمەك، دارىتماق: ئۇ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئالاھىدە پۇراتتى.

پۇل-پۇچەك

پۇل ۋە پۇلنىڭ رولىنى ئوينايدىغان نەرسىلەر:-ياخشى كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ. قورساق قايغۇسىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، پۇل-پۇچەككىمۇ، رۇزىغارغىمۇ ئېرىشتۇق،-دېدى مەسۇم ئاكام بىر يۆتىلىپ قويۇپ.

پۈتۈنلۈك

ئىسىم ①پۈتۈن ھالەت، پۈتۈن ھالەتتىكى شەكىل: پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى. *بۇ ھال بىزدىن پۈتۈنلۈكنى تەتقىق قىلىش ۋە پۈتۈنلۈكنى چۈشىنىش بىلەن قىسمەنلىكنى تەتقىق قىلىش ۋە قىسمەنلىكنى چۈشىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. <②پەلسەپە> زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەن شەرت بىلەن بىر پۈتۈن نەرسە ھالىتىدە تۇرۇشى، يەنى نىسبىي جىملىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شەيئى ياكى جەريان.