«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پىكىر

ئىسىم [ئەرەبچە] بىرەر نەرسە ياكى كىشى ھەققىدىكى ئويخىيال، مۇلاھىزە: لەيلىگۈلنىڭ مېڭىسىدە «ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن دەھشەتلىك پىكىر لاۋۇلداپ يېنىپ كەتتى. ②بىرەر ئىش ھەققىدە قىلىنىدىغان تەكلىب؛ مەسلىھەت: رۇستەم دوستىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى، لېكىن شائىرنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ③بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى نىيەت، مەقسەت: ئەركىن خەلچەمنىڭ كۆزىدىن چىققان ئىككى تامچە ياشنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە ئەيىبلەش پىكرىدىن قايتتى. ④بىرەر نەرسە ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزە نەتىجىسى؛ يەكۈن، خۇلاسە: ئۇلار ئۇزۇن مۇزاكىرىلىشىپ ئاخىرى بىر پىكىرگە كەپتۇ. ⑤چۈشەنچە، بىلىم؛ ئاڭ، ئەقىل: پىكرى ئوچۇق. *ھەرقانداق ئادەم ئەقىل بىلەن پىكىرنى كىتابتىن شۇنداقلا ئەمەلىي تۇرمۇشتىن قوبۇل قىلىدۇ. ⑥دۇنيا قاراش، مەسلەك:-نېمە ئۈچۈن، ئەزىزىم، ئادەملەرگە يامان پىكىردە بولۇۋېرىسىز؟-دېدى سادىر ھەيران بولۇپ.

پۇتلاشماق

پېئىل ①يول يۈرگەندە، ماڭغاندا پۇت بىرەر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ ياكى تاقىشىپ مۈدۈرۈلمەك: ئەپەندىم بازارغا كېتىپ بېرىپ، بىر تاشقا پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر پېشكەللىك، ئوڭۇشسىزلىق، كېلىشمەسلىكلەرگە دۇچ كەلمەك، يولۇقماق: ئۇ ئادىلنىڭ بىرەر ئىشتا پۇتلىشىپ كېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ يۈردى. ③پۇتلىكاشاڭ، توسقۇن بولماق، تاقاشماق: سەن مېنىڭ ئىشىمغا تولا پۇتلاشما!