«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۈرلەشمەك

پېئىل. قاتلاشقان، پۈرلەشكەن ھالەتكە كەلمەك، پۈرۈلۈپ قالماق، پۈرۈلمەك: ئۇ يوشۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن پۈرلەشكەن، رەڭگى ئۆچكەن بىر پارچە قەغەزنى چىقاردى.

پۈۋ

تەقلىد سۆز. ئاستىۈستى كالپۇكنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ تۇرۇپ، ھاۋانى قاتتىق چىقارغاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز: ئۇنىڭ يۈرىكى سالغاندەك بولدى-دە، «پۈۋ» قىلىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ بېشىنى چىڭ پۈركەپ يېتىۋالدى.

پاتقاق گازى

<خىمىيە> يۇندا ۋە سېسىق سۇ كۆلچەكلىرىگە كۆمۈلگەن ئۆسۈملۈك تەنلىرىنىڭ چىرىپ، سېسىپ ئېچىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان گاز. بۇنى يېقىلغۇ ياكى خىمىيە سانائەت خام ئەشياسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.