«ي» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

يىمىرىلىش

①«يىمىرىلمەك» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى.

②<گېئولوگىيە> ئۇزۇن مۇددەتلىك شامالنىڭ يالىشى، ئاپتاپتا قېلىش، ھۆل-يېغىنلارنىڭ نەمدەپ يالىشى، ئورگانىزملارنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق تەسىرلەر نەتىجىسىدە، يەر پوستىنىڭ يۈزىدىكى ۋە يەر پوستىنى تەشكىل قىلغان ھەر خىل تاغ جىنسلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇشى ياكى ئۆزگىرىپ كېتىشى.

③<فىزىكا> بىر ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىلىرى ئوخشاشراق بولغان ئىككى يادروغا بۆلۈنۈش جەريانى.

④<فىزىكا> رادىئوئاكتىپ نۇكلىدلارنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىش ئارقىلىق باشقا بىر خىل نۇكلىدقا ئۆزگىرىش جەريانى، تۇراقسىز ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېڭى زەررىچىلەرگە ئۆزگىرىش جەريانىمۇ يىمىرىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

⑤<خىمىيە> كرستال ھىدراتلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ۋە قۇرغاق ھاۋادا كرستال سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىش ھادىسىسى.

يىمىرىلىش پوستى

<گېئولوگىيە> يەر پوستى ئۇل جىنسىنىڭ يىمىرىلگەن ئۈستى قەۋىتى. يەر پوستى ئۈستى قەۋىتىدىكى جىنسلار يىمىرىلىش تەسىرىدە بۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا يۇمشاق دۆۋىلەنمىلەر شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئاجىز يىمىرىلگەن زوننا، كۈچلۈك يىمىرىلگەن زوننا، قالدۇق قاتلام، قالدۇق توپا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىمىرىلىش رولى

<گېئولوگىيە> يەر پوستىنىڭ سىرتقى قاتلىمىدىكى تاغ جىنسلىرىدا ئاتموسفېرا، سۇ ۋە جانلىقلار قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەسىرى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدىغان بۇزۇلۇش رولى. ئۇ فىزىكىلىق يىمىرىلىش رولى ۋە خىمىيىلىك (خىمىيەلىك) يىمىرىلىش رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىمىرىلىش كونستانتى

<فىزىكا> تۇراقسىز ئاتوم يادرولىرىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى يىمىرىلىش ئېھتىماللىقى. ئۇ رادىئوئاكتىپ (رادىيوئاكتىپ) ماددىلارنىڭ يىمىرىلىش تېزلىكىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.