«ي» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

يىلىكىنى چاقماق

ۋەيران قىلماق، ئەبجىقىنى چىقارماق، ھالسىزلاندۇرۇپ كاردىن چىقارماق، كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىماق: ئۆتكەن يىلقى تەبىئىي ئاپەت دېھقانچىلىققا زور زىيان كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يىلىكىنى چېقىۋەتتى.

يىلىكى ئۈزۈلمەك

ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارلاشماق، نامراتلاشماق: قېيىنئاتامنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىمىز، يەتتە، قىرىق نەزىرلىرىنى بېرىمىز دەپ، يىلىكىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.

يىمىرمەك

①پېئىل خېمىر قاتارلىقلارنى ئەيلەپ پىشۇرماق، قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك، پىشۇرماق: خېمىرنى يىمىرمەك. ②قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار بىلەن سىقىپ، مۇجۇپ ئېزىپ ئۇۋىماق، ئېزىلگەن، مۇجۇلغان، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك: ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تاشنى يىمىرىپ ئۇۋاپ، يەنە بىر قولىنى قۇمغا پاتۇرۇپتۇ. ③قاش-كۆز، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك، پۈرمەك ياكى يېنىك تۈرمەك: -ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟-دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ. *ئۇ قاپقارا، ئىنچىكە بۇرۇتىنى يىمىرىپ ئولتۇرۇپ، گەپ باشلىدى. *-ساڭا نېمىشقا تەڭ ئىدى، -دېدى مەشۇراخۇن كالپۇكىنى يىمىرىپ، -تۈگەپ كەتسە، تېپىپ بېرىدىغان ئادەم مەن ئەمەسمۇ؟ ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر گۇرۇھ، تەشكىلات، ھاكىمىيەتكە ئوخشاش جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي كۈچنى ئاغدۇرماق، يوقاتماق، ياكى ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئەسلىدىكى كۈچ-قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم قىلماق، ئاجىزلاشتۇرماق، غۇلاتماق، ۋەيران قىلماق: قەتئىي تەدبىر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

يىمىرىلمەس

سۈپەت. ①يىمىرىلمەيدىغان، يىمىرىلىپ كەتمەيدىغان.

②مۇستەھكەم، مەزمۇت، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇزۇلمايدىغان، ئېزىلمەيدىغان، يېڭىلمەيدىغان، ئاغدۇرۇلمايدىغان، غالىب: بۇنىڭدىن كېيىن بىز بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئارمىيىسىنى مەڭگۈ يىمىرىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم. *-بىز يىمىرىلمەس كۈچ بولۇپ ئۇيۇشتۇق،-دېدى ئەنۋەر جىددىي ھالدا.

يىمىرىلمەك

①«يىمىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇ شاختىكى چېچەكلەرنى ئېلىپ بىر ئۇۋىلىغانىدى، ھېلىقى چېچەكلەر يىمىرىلىپ، كىچىككىنە بىر كاللەككە ئايلىنىپ قالدى. *ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق: تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن-سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى. *يىگىتنىڭ ئۆزىگە مىختەك قادالغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئالدىدا، قىزنىڭ جاسارىتى يىمىرىلدى. *ئەختەملەرنىڭ تويى يېزىلار ئېغىر ئىقتىسادى يىمىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنىدى. ③كۆچمە. بىرەر ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھاكىمىيەت ياكى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان گۇرۇھ، شەخسلەر ۋەيران بولماق، يوقالماق، ئاغدۇرۇلماق، ئەسلىدىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولماق: فېئوداللىق چوڭ ئائىلە تۈزۈمى مۇقەررەر يىمىرىلدى. *ئۇ «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ يىمىرىلىدىغان كۈنۈڭلار ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىدى. ④يەرگە مەھكەم چاپلاشماق، يەرگە مەھكەم ئورۇنلاشماق (ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە): ئۇ ئەمدى يىمىرىلىپ ئولتۇرۇپ،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!