ماقال-تەمسىللەر (خ)

  • خامنى بۇزغان شانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى
  • خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق
  • خانغا يارىغان ئىشىم تازغا يارىماپتۇ
  • خاننىڭ ھۆرمىتى پۇقرا بىلەن
  • خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن
  • خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر
  • خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار
  • خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن يۈرەر
  • خوتۇن ئەرگە قارايدۇ، ئەر يەرگە قارايدۇ
  • خوتۇنغا ئامراق–بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق – كالىغا ئۆچ
  • خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق
  • خوجامنىڭ خۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى
  • خويمۇ سەنەم سالغۇم بار، پۇتۇم قوپال، قۇلۇم گال
  • خۇدا بەرسە ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىدۇ
  • خۇدا قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىسا، ھاسسىدىن ئايرىماس
  • خۇدادىن كەلسە كەلسۇن، خوجىدىن كەلمىسۇن
  • خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ قاپتۇ
  • خەقنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول
  • خەقنىڭ ئىشىغا تۇمۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ
  • خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ
  • خەلق ياندۇرغان چىراقنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر
  • خەلق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا بولماس.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *