ماقال-تەمسىللەر (ئۆ)

  • ئۆتكەن ئۆمۈر – ئاققان سۇ.
  • ئۆتكەن ئىش سالاۋات.
  • ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۆرۈپتۇ.
  • ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت – ھويت.
  • ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ خوشلۇقى.
  • ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە.
  • ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  • ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ، گېپىڭ تۈز بولسۇن.
  • ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
  • ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
  • ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما.
  • ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي.
  • ئۆزۈڭنى چاغلا، بېلىڭنى باغلا.
  • ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل.
  • ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا.
  • ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
  • ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا.
  • ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
  • ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ.
  • ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماس.
  • ئۆزىنى سورىغان يۇرت سورار.
  • ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى كەكە چېپىپتۇ.
  • ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە.
  • ئۆكۈزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
  • ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.
  • ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
  • ئۆلگەندىن كىيىن يىغلىغۇچە، ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەب قىل.
  • ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
  • ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار.
  • ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
  • ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق.
  • ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
  • ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
  • ئۆلەر ئىت پالتىدىن قورقماس.
  • ئۆمۈر ئاتقان ئوق.
  • ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا قالدىڭ.
  • ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
  • ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *