ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. پىشقەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇراخمان قاھار 2020-يىلى 12-دېكابىر كۈنى 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئابدۇراخمان قاھار ئەدەبىيات ساھەسىگە 50- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن ۋە شۇ يىللاردا بىر قىسىم شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. كېينچە، ئۇ مەخسۇس پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئانا ۋەسىيىتى»، «ئەمەت ھاجى»، «دېھقان سازەندە» قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان، 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بىر تۈركۈم يىرىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پروزىچىلىق ساھەسىدە خېلى چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» (ئىككى توملۇق)، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل» ۋە «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانلىرى؛ «كەچۈر، مېنى نازاكەت»، «بەخت»، «ئاھ، ياشلىقىم» قاتارلىق پوۋېستلىرى بولۇپ، يىگىرمە پارچىگە يېقىن كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.











