ئالىم ئەھەت

بىر باشتىن

①باشلىنىدىغان جايىدىن: تەھرىر ئالدىغا تىزىلغان ماقالىلارنى بىر باشتىن كۆرۈپ تۈزىتىشكە كىرىشتى. ②بىر تەرەپتىن، بىر ياقتىن، تەرتىپى بىلەن: ئاپتوبۇس ئالدىغا توپلانغانلار بىر باشتىن كىرىشكە باشلىدى.

بىر پەللە

①بىر دەرىجە، بىر بالداق: بىر پەللە كۆتۈرۈلمەك. ②مەلۇم بىر ۋاقىت، بىر مەھەل، بىر مەزگىل: بۇ بىر پەللە شۇنداق ئوينىغاندىن كېيىن ئات مىنىشتىنمۇ زېرىكىپ، ۋاڭنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.