ئالىم ئەھەت

بىداياق

ئىسىم <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. چارۋىچىلىقتا ئالىي سورتلۇق ئوت-چۆپ؛ يېزا ئىگىلىكىدە بولسا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئاكتىپ ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

بىر

①سان. ئەڭ كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن «1» رەقىمى: گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال).*بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ. ②ئىسىم. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى «ئى» بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر «كىشى، ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئونىغا تۇتۇلدۇم (ماقال). ③ئالماش. ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ «شۇ»، «مۇشۇ»، «ئوخشاش بىر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ھېيتەم ئەر-خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. ④ئالماش. ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ «قانداقتۇر، ئاللىقانداق، قايسىدۇر، قاچاندۇر» غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: بىر كۈنى. بىر ئاخشىمى. ⑤رەۋىش. پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ: بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى. ⑥ئالماش. «كىم»، «نېمە» سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ: ئايگۈل يولدا تونۇش بىركىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى، دەپ پات-پاتلا ئەتراپىغا...

داۋامىنى ئوقۇڭ!