ئالىم ئەھەت

بىرقۇر

①[بىر+قۇر] رەۋىش. بىر قېتىم، بىر باشتىن: موللام قولىدىكى كىتابنى بىرقۇر ۋاراقلاپ چىقتى. ②سۈپەت. بىر يۈرۈش، بىر پار (كىيىم-كېچەك ھەققىدە): مەن ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بىرقۇر كىيىم تىككۈزدۈم.

بىرگە

رەۋىش ①بىر بولۇپ، بىرلىشىپ، قوشۇلۇپ، بىللە، بىرلىكتە: بىز بىرگە ئوقۇدۇق، بىرگە خىزمەت قىلدۇق، بۇ جەرياندا تېخىچە مېنى چۈشىنىپ بولمىغانمىدىڭ؟ ②«بىلەن» سۆزى بىلەن كېلىپ «بىر قاتاردا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە تەنھەرىكەت بىلەنمۇ داۋاملىق شۇغۇللىنىش كېرەك.

بىرلىك

①ئىسىم. ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق: ئىرادە بىرلىكى. ②سۈپەت. كۆپچىلىككە تەئەللۇق بولغان، ئومۇمىيلىققا ئىگە: بىرلىك سەپ. ③ئىسىم. شەيئىلەرنى ئۆلچەشتە ئۆلچەم قىلىۋېلىنغان مىقدار: ئۆلچەم بىرلىكى // بىرلىك مەھسۇلات.