ئالىم ئەھەت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 5491-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات، قىسقارتىلىپ «ب د ت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە. ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، خەلقئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

بىرلەشمە

①سۈپەت. بىرقانچە تەرەپ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىرلىكتە ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان: بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش. ②ئىسىم. بىرلىشىش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى ئۇيۇشما: ئاياللار بىرلەشمىسى.

بىرلەشمەك

پېئىل ①ئۆزئارا تۇتاشماق، ئۇلانماق، بىر-بىرىگە تېگىشمەك: ئاستا-ئاستا ئىككى گەۋدە بىرلەشتى. ②بىر-بىرىگە قوشۇلماق، ئۇيۇشماق: بىر ئېيىق بىلەن بىر دېھقان ئاغىنە ئىكەن. ئۇلار بىر يىلى بىرلىشىپ ياڭيۇ تېرىپتۇ.

بىرمۇبىر

①ئۆز رەت-تەرتىپى بىلەن؛ بىرىدىن كېيىن يەنە بىرى: مەن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردىم. ②ھەربىرىنى، ئالاھىدە، ئايرىم، بىر-بىرلەپ: رەقىب بىزنى ئۇنىڭغا بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.

بىرمۇنچە

ئالماش [بىر+مۇنچە] ①بىرنەچچە، بىرقانچە: بىرمۇنچە ۋاقىت. ②مەلۇم مىقداردا، بەلگىلىك ساندا، مەلۇم دەرىجىدە، خېلى، جىق: ئۇ يېنىغا قارىۋىدى، بىرمۇنچە دۈشمەننىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.