ئالىم ئەھەت

بېسىقتۇرماق

①«بېسىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئېھتىمال ئۇ كۆپچىلىككە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ بۇ ئىشنى چىرايلىقچە بېسىقتۇرار. ②جاي-جايىغا ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، تۈزەشتۈرمەك: زورىخان بولسا ئۆي ئىچىنى بېسىقتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆلتۈرمەك: يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت ھەددىدىن ئاشقان قان قىساسى بار بەش زومىگەرنى بېسىقتۇردى.

بېسىقلىق

سۈپەت ①ئۈستى-ئۈستىگە ئېلىپ قويۇلغان، بېسىلغان، قاچىلانغان: ئاشلىق بېسىقلىق ھارۋا. ②مەتبەئەدىن چىققان، نەشر قىلىنغان: شۈجى چوڭ قىزىل خەت بېسىقلىق بىرنەچچە بەت ماتېرىيالنى يانچۇقىدىن چىقاردى.

بېسىقماق

پېئىل ①بېسىلماق، پەسلىمەك، جىمىماق، تىنچىماق، توختىماق: ئەمەت ئۇستا ئۆزىچە تېرىكىپ-چېچىلىپ يەنە بېسىقىپ قالدى. ②ئازلىماق، شالاڭلاشماق، پەسەيمەك: كۈز كېلىپ ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئالدىراشلىقلارمۇ بېسىقتى.

بېسىلغاق

ئىسىم <بوتانىكا> كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى توخۇمسىمان، تېبابەتچىلىكتە يەر ئۈستىدىكى قىسمى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، تال ۋە ئاشقازاننى تولۇقلاش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە.

بېسىلماق

①«باسماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ھارۋىغا يۈك بېسىلدى. ②«باسماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ئۇنىڭ ئاغزى بېسىلدى. ③جىددىيلىك پەسەيمەك، نورمال ئىزىغا چۈشمەك؛ توختىماق: جېدەل بېسىلدى.

بېسىم

ئىسىم ①<فىزىكا> مەلۇم نەرسىنىڭ بىرلىك يۈزىگە چۈشكەن ئېغىرلىق كۈچى: قان بېسىمى. ②قىسىش، ئېزىش، زۇلۇم سېلىش: ئۇ قاتتىق بىر روھىي بېسىم پەيدا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ③ئېغىر ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت: ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىر ئىككى خىل بېسىم ئاستىدا قىينىلاتتى.

بېسىمدارلىق

ئىسىم. ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىش ئارقىلىق بازارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قىممەتچىلىك پەيدا قىلىش، ھايانكەشلىك:-ئېيتىڭا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بېسىمدارلىق بىلەن كۆز-كۆز قىلىدۇ؟-دېدى غوپۇر تېيىپ مۇئەللىمگە.