ئالىم ئەھەت

بەرداشسىز

سۈپەت. سەۋر-تاقەتسىز، چىدامسىز:-يولداشلار ئالدىمىزدىكى ئۈچ كۈنلۈك جاپا-مۇشەققەتلىك جەڭ كىمنىڭ بەرداشلىق، كىمنىڭ بەرداشسىز ئىكەنلىكىنى سىنايدۇ،-دېگەن سۆزلەر كانايدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بەرغەموت

ئىسىم [لاتىنچە] <بوتانىكا> ①سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق، گۈلى ئاق، مېۋىسى توق سېرىق رەڭدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ②شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

بەرق ئۇرماق

①چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق: تاۋلىنىپ رەڭدار گىلەمدەك بەرق ئۇرار ئوتلاق-ئېتىز، قاينىغان يايلاق ھاياتى مىسلى ئۆركەشلىك دېڭىز. ②نامايان بولماق، سېزىلىپ تۇرماق، كۆرۈنمەك: چىرايىدىن ھېسابسىز شادلىق تەبەسسۇمى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ياش ئاتا قابىلبېك چىقىپ كەلدى. ③ئۇلغايماق: قىزىدى ئۇسسۇل، ساما، دىللاردا شادلىق بەرق ئۇرۇپ، بولدى مەنبەسى ئۈزۈلمەس دەريا، فونتان قەشقىرىم.

بەرقارار

سۈپەت [پارسچە+ئەرەبچە] ①قارار تاپقان، قەتئىي، ئۈزۈل-كېسىل: قەدرىگە يەتمەك ئۈچۈن قىينال ئۇنىڭ دەردىدە، بەرقارار تۇر بىر ئۆمۈر بەخش ئەيلىگەن ئەھدىدە سەن! ②مۇستەھكەم، تۇرغۇن، مۇقىم: تارازا بولمىغۇنچە ھەق ۋە ناھەق ئاشكارا بولماس، تارازا يۇلتۇزسىز كۆكتە تەڭپۇڭ بەرقارار بولماس.

بەرگ

ئىسىم [پارسچە] ①<يېزىق تىلى> يوپۇرماق: ئاينۇر دەيدىغان گېپىنى توختىتىپ، ئولتۇرغان پېتى سېكىلەك گۈلنىڭ بەرگلىرىنى پارچىلاپ يۇلۇشقا باشلىدى. ②ساپاق: يارنىڭ بېغىدا ئالما پىشىپتۇ، بەرگى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ.