ئالىم ئەھەت

پات

①ئىسىم. يىپ ۋە رەختلەرنى قاتۇرۇپ چىداشلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ئۇماچ، شىلىمسىمان ياكى كراخمال سۇيۇقلۇق: پات بەرمەك. ②ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. پات بېرىلگەن ھالەت، تۇرق؛ ئەسل، ئەينى: پېتىدىن چۈشمەك. ئۆز پېتى. شۇ پېتى. ③باغلىغۇچى. بەزى سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئۈچىنچى شەخس فورمىسىدا كېلىپ ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ھالىتىدە يەنە بىر ھەرىكەت ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: ياسىن كەتمەننى كۆتۈرگەن پېتى ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ④رەۋىش. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، تېز، چاپسان: پات كەلمەك. پات كەتمەك. ⑤ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] (شاھماتتا) قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاساسەن ئوخشاش كېلىپ قېلىپ، شۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ غەلىبىسىز تاماملانغانلىقىنى ھېسابلاشنىڭ بىر تۈرى: ئويۇن پات بولدى. ⑥تەقلىد سۆز. ئاپتوموبىلنىڭ سىگنال كانايلىرى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز: يىراقتىن بولكىۋاينىڭ پات قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

پاتاڭ

ئىسىم ①ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا سۆكەڭلىرىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان چوڭ پەي: كالا پاتىڭى. تۆگە پاتىڭى. پاتاڭ سالماق. ②بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى، گەدەن: پاتىڭى يوغان. // پاتاڭ گۆش. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. زىممە، گەدەن، ئۆز ئۈستى: پاتىڭىدىكى قەرزلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋەرگەن ئەزالارنىڭ بەزىسى ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشتى.