ئالىم ئەھەت

پاتماق

پېئىل ①سۇيۇق، يۇمشاق نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرمەك، چۆكمەك، مىلەنمەك: لايغا پاتماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. غەرق بولماق، چۆكمەك: ياسىن قازى بىر پەس چوڭقۇر ئويغا پاتتى. ③قاتتىق بېسىمدىن ئىچىگە پۈكۈپ، يېرىپ ياكى سانجىلىپ كىرمەك: ئاياغقا تاش پاتماق. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قاتتىق تەگمەك، ئېغىر تۇيۇلماق: كۈندىن-كۈنگە جەبىرزۇلۇم كۆپىيىپ جېنىغا پېتىپتۇ. ⑤بىرەر ئىجابىي ھېستۇيغۇ ياكى سەلبىي روھىي ھالەتتە بولماق: كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاتا-ئانا مۇڭغا پېتىپتۇ. ⑥ئۇپۇققا يوشۇرۇنۇپ كۆزدىن غايىب بولماق: كۈن پاتتى. ⑦سىغماق؛ ماس، لايىق كەلمەك: تاغقا پاتمىغان ئۆچكە قازانغا پاتار(ماقال).

پاتمان

[پارسچە] ①مىقدار سۆز. 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن 11 پۇتقىچە بولغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر تالاي، ھېسابسىز، نۇرغۇن، تولا، كۆپ، جىق: بىر پاتمان ئىش. بىر پاتمان گەپ.