ئالىم ئەھەت

پاترون

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] ①<ماشىناسازلىق> ئۈشكە، ئىستانوك قاتارلىقلارنىڭ تىغ ياكى دېتاللارنى قىسىپ، مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدىغان قىسمى، قىسقۇچى. ②<ئېلېكتر> ئېلېكتر سىملىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا ئورنىتىلىدىغان ۋە لامپۇچكىنى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان قۇرۇلما.

پاتقاق گازى

<خىمىيە> يۇندا ۋە سېسىق سۇ كۆلچەكلىرىگە كۆمۈلگەن ئۆسۈملۈك تەنلىرىنىڭ چىرىپ، سېسىپ ئېچىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان گاز. بۇنى يېقىلغۇ ياكى خىمىيە سانائەت خام ئەشياسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

پاتقاقلىق

ئىسىم ①پاتقاق ھالەت: ئەتىياز پەسلىدىكى پاتقاقلىق ئۇلارنى بەكمۇ بىزار قىلاتتى. ②پاتقاق بولۇپ كەتكەن يەر: ئەتىگەنلىكى قاتتىق سوغۇق بولدى، سازلىق ۋە پاتقاقلىقلار مۇزلاپ قالدى. // بالىلار ئۇدۇل تەرەپتىكى پاتقاقلىق يولغا يۈرۈپ كەتتى.