ئالىم ئەھەت

پاراق

①ئىسىم. تېرىلغان يەرگە قاراپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدىغان دېھقانچىلىق بېجى ياكى شۇ باج ھەققى ئورنىدا بېرىلىدىغان سېلىق ئاشلىق: دېھقانلار بۇ يىل پاراقنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولدى. ②تەقلىد سۆز. كىشىلەرنىڭ قاتتىق كۈلۈشى ۋە سۇنىڭ قاينىشىدىن چىققان ئاۋاز: ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىشىم بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىن پاراق قىلىپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

پاراقچى

ئىسىم. پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كىشى، پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى: ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە پاراقچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

پاراكەندىچىلىك

ئىسىم ①قالايمىقان ھالەت؛ پاتىپاراقچىلىق، قالايمىقانچىلىق: دۈشمەنلەر پات-پات ئەتراپقا چىقىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى. ②خاتىرجەمسىزلىك، پەرىشانلىق، دەككە-دۈككىلىك: مېنىڭ كۆڭلۈمگە تولا پاراكەندىچىلىك سالما!