ئالىم ئەھەت

پاراكەندە

[پارسچە] رەۋىش. تەرەپتەرەپكە تارالغان، چۇۋۇلغان، تىرى-پىرەن، پاتىپاراق: پاراكەندە بولماق. ②سۈپەت. پەرىشان، دېلىغۇل، دەككە-دۈككە، خاتىرجەمسىز: ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەلگەندىمۇ پاراكەندە كۆڭلى تېخى بېسىلمىغانىدى.

پاراگراف

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] كىتاب، ماقالە ۋە شۇ قاتارلىق تېكىستنىڭ مەنە جەھەتتىن مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان، ئادەتتە «§» ئارقىلىق ياكى تەرتىپ سان بىلەن كۆرسىتىلىدىغان قىسمى ھەم «§» بەلگىسىنىڭ ئۆزى.

پاراللېزم

ئىسىم [رۇسچە] ①<ماتېماتىكا> توغرا سىزىقلارنىڭ ئۆزئارا پاراللېللىقى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئوخشاش بىر ئىشنىڭ ئىككى كىشى ياكى ئىككى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆزئارا كېلىشمەستىن بىر ۋاقىتتا بېجىرىلىشى، تەكرارلىنىش.

پاراللېل

[رۇسچە] <ماتېماتىكا>①سۈپەت. بىر تەكشىلىكتە ياتقان ۋە ئۆز ئارا كېسىشمەيدىغان؛ يانداش: پاراللېل تۈز سېزىق. پاراللېل تۆت تەرەپلىك. ②سۈپەت. ئەينى ۋاقىتتا تەڭ بىللە تۇرغان؛ تەڭ دەرىجىدىكى: پاراللېل سىنىپ. ③ئىسىم <جۇغراپىيە> دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئېكۋاتور سىزىقىغا يانداش قىلىپ سىزىلغان سىزىقلار.

پاراڭ

ئىسىم ①ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپسۆز؛ نۇتۇق: پاراڭ سالماق. پاراڭغا چۈشمەك. پاراڭ قىلماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مىش-مىش، ئېنىق بولمىغان گەپ، سۆز، خەۋەر: ھۆرلىقا توغرىسىدا نېمە پاراڭلار بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ③سۆھبەت، مۇلاھىزە: ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ ئىدى.