ئالىم ئەھەت

پارپا

①سۈپەت. پاكار، پاكىنەك، پەتەك: پارپا ئادەم. پارپا بوي. پارپا توخۇ. ②ئىسىم <بوتانىكا> زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى ئۇرچۇق شەكىلدە بولۇپ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىش، يەل ماڭدۇرۇش، مەيدىدىكى چىڭلىقنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

پارت

تەقلىد سۆز. بىرەر نەرسىنىڭ ئىتتىك ھەرىكەت قىلىشى ياكى يىرتىلىشى، ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: مىڭ تەستە تۇتۇپ كەلگەن جەرەن بالىسى «پارت» قىلىپ قېچىپ ھاي-ھۇي دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى.

پارتلاتقۇچ

①سۈپەت. پارتلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، پارتلىتىلىدىغان: پارتلاتقۇچ تۇرۇبا. پارتلاتقۇچ ماددا. پارتلاتقۇچ دورا. ②ئىسىم. پارتلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ھەم پارتلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان نەرسە: ئۇ ئاخىرى دۈشمەن پوتىيىگە يېقىن باردى-دە، پارتلاتقۇچنى كۈچ بىلەن ئارانلا تاشلىدى.