ئالىم ئەھەت

پارتىيىۋىلىك

ئىسىم ①پارتىيە پرىنسىپلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە تەئەللۇق سالاھىيەت: مىجىت ئاكا ئۆزىنىڭ پارتىيىۋىلىكىنىڭ ئۇنداق ئىشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ②بىرەر پارتىيىگە مەنسۇپلۇق، ئەزالىق: ھەر مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيىۋىلىك ۋە پارتىيە سىياسىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

پارچىلانماق

①«پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ھازىر لۈكچەكلەر گۇرۇپپىسىمۇ پارچىلاندى. ②«پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇكام بىلەن ئىككىمىز پارچىلانغان ئوتۇنلارنى بۇلۇڭغا يىغدۇق.

پارچىلىماق

پېئىل ①بۆلەكلەرگە بۆلمەك، ئاجراتماق؛ پارچە قىلماق، پارچە ھالەتكە كەلتۈرمەك: مۇزنى پارچىلىماق. *ساۋۇت ئاشقا بېسىلىدىغان گۆشلەرنى پارچىلاۋاتاتتى. ②بۆلۈۋەتمەك، ئاجىزلاشتۇرماق: يۇرتنى پارچىلىماق. ئاممىنى پارچىلىماق. ③<خىمىيە> تەركىبىي قىسىملارغا ئاجراتماق، بىرىكمىدىن ئاجرىتىپ ئالماق: ئاتومنى پارچىلىماق. ماددىنى پارچىلىماق.

پارچە-پۇرات

①چوڭكىچىك پارچىلاردىن ئىبارەت، ھەر خىل چوڭلۇقتىكى پارچىلارغا بۆلۈنگەن، پارچە-پارچە: پارچە-پۇرات رەخت. پارچەپۇرات نەرسىلەر. ②مۇھىم بولمىغان، ئاساسلىق ئەمەس؛ ئۇششاق-چۈششەك: پارچە-پۇرات ئىش. پارچە-پۇرات گەپ.

پارچە

①[پارسچە] ئىسىم. بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ بىر بۆلىكى؛ پۈتۈن نەرسىدىن كېسىپ، سۇندۇرۇلۇپ ئېلىنغان ياكى ئۆزى ئاجراپ چىققان قىسمى؛ بۆلەك: قەغەز پارچىسى. ②سۈپەت. ئۆلچەم قىلىنغان مەلۇم بىرلىككە توشماي قالغان؛ پۈتۈن ساننىڭ ئەكسى (پارچىسى): پارچە پۇل. پارچە سان. ③مىقدار سۆز. نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدىغان سۆز: بىر پارچە خەت. بىر پارچە گىلەم. بىر پارچە ماقالە. ④ئىسىم <ئەدەبىيات> رومان، پوۋېست قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم بىرقىسمى، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باب، بۆلەكلەر: روماندىن پارچە. ⑤ئىسىم <ئەدەبىيات> ئاياغلاشقان، يەكۈنلەنگەن ئويپىكىرنى بىلدۈرگەن ماۋزۇسىز بىر كۇبلېت شېئىر.