ئالىم ئەھەت

پارس

①تەقلىد سۆز. قاتتىق قىزىپ كۆيۈش، پارچىلىنىش، يېرىلىش، ئېتىلىش، چىڭ تارتقاندىن كېيىن ئۈزۈلۈش ۋە قاتتىق سىلكىنىپ قېقىلىشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: ئارغامچا «پارس» قىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى. ②ئىسىم <ئىرق> شۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئىراننىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

پارسچە

①سۈپەت. پارسلارغا، پارس خەلقىگە، پارس تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، پارس خەلقىگە خاس: پارسچە كىيىم-كېچەك. پارسچە يېزىق. پارسچە لۇغەت. ②ئىسىم. پارس تىلى، يېزىقى: مەن پارسچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ③رەۋىش. پارس تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، پارس تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن: پارسچە سۆزلىمەك. پارسچە يازماق.