ئالىم ئەھەت

پارقىرىماق

پېئىل ①پاررىدە قىلىپ يانماق، نۇر چاچماق، پارقىراپ تۇرماق، يورۇماق: چولپان يۇلتۇزى يول كۆرسەتكۈچى چىراغدەك ئاسماندا پارقىراپ تۇراتتى. ②يالتىرىماق، جۇلالىماق: ئالتۇننىڭ پوقىمۇ پارقىرايدۇ (ماقال).

پارك

ئىسىم [رۇسچە<ئىنگلىزچە] گۈل ۋە يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، سەيلە قىلىش، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بار چوڭ باغ: بىز ئەتە دېڭىز بويلىرىغا بارىمىز، پاركلاردا ساياھەت قىلىمىز.

پارلامېنت

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قانۇن تۈزىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان. پارلامېنت ئادەتتە يۇقىرىتۆۋەن ئىككى پالاتادىن تۈزۈلىدۇ؛ بەزى دۆلەتلەردە بىرلا پالاتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.