ئالىم ئەھەت

پاس

①تەقلىد سۆز. بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن، قاتتىق سىلكىنىشى ھەم ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز: ئەزىمەت قولىنى قاتتىق بىر شىلتىۋىدى، ئاپىسىنىڭ يۈزىگە «پاس» قىلىپ تەگدى. ②ئىسىم [ئىنگلىزچە] <تەنتەربىيە> توپ ئويۇنلىرىدا توپنى ئۆز كاماندىسىنىڭ بىرەر ئەزاسىغا قارىتىپ تاشلاش، ئېتىش ھەرىكىتى: پاس بەرمەك. پاس چىقارماق.

پاسات

①ئىسىم [ئەرەبچە] قەستەن، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پىتنەىغۋا، ئويدۇرما: بۇ ئىشلار كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ۋە تۈرلۈك پاسات خىياللار كوچىسىغا باشلايدۇ. ②ئىسىم. دىئالېكت. قوناق شاخلىرىدىن قۇرۇپ چۈشۈپ قالغان يوپۇرماقلار ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.

پاساڭ

ئىسىم. باش قوناق، قوغۇنتاۋۇز قاتارلىق ئۈزۈپ ئېلىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ چالا قالغان قىسمى: پاساڭ بولماق. پاساڭ قىلماق. *بۈگۈن پۈتۈن مەھەللىلەردىكى ئۇششاق بالىلار قوغۇن پاساڭ قىلدى.