ئالىم ئەھەت

پاساھەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيىتى؛ نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ھەم گۈزەللىكى:-ئوغلۇم،ئىلىمەدەپتە كامىل، پاساھەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى ئىكەنسەن،-دەپتۇ بوۋاي مەردانغا.

پاسپورت

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] چەت ئەلگە چىقىدىغان پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان دۆلەت تەۋەلىك گۇۋاھنامىسى؛ ھۆججەت؛ ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.

پاسخا

ئىسىم [رۇسچە] ①<دىن> خرىستىئانلارنىڭ، ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام ئەتىيازدا كۈنتۈن تەڭلىشىپ، بىرىنچى قېتىم ئاي تولغاندىن كېيىن كېلىدىغان دەسلەپكى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ②يەھۇدىيلارنىڭ باھار پەسلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي بايرىمى.

پاسسات

ئىسىم [رۇسچە<نېمىسچە] <مېتېئورولوگىيە> ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆۋەن ئاتموسفېرا قەۋىتىدە، شىمالىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي شىمال شامىلى ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي جەنۇب شامىلى. بۇ خىل شامالنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزگىرىدۇ.

پاسسىپ

سۈپەت [رۇسچە<لاتىنچە] ①بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان، قىزىقمايدىغان، سۇس، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى: پاسسىپ ئادەم. پاسسىپ ئوقۇغۇچى. ②توغرا بولمىغان، ناتوغرا؛ ناچار، سەلبىي: پاسسىپ ئامىل.