ئالىم ئەھەت

پارۋاي

ئىسىم [رۇسچە] ئۆيىمارەتلەرنى پار ئارقىلىق ئىسسىتىش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغان، تۇرۇبا ۋە پولات نەيچىلەردىن تۈزۈلگەن ئەسلىھە: ئەسقەر بالىنى پارۋاينىڭ قېشىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ ئىسسىتتى.

پاژ

تەقلىد سۆز. سۇ ياكى تەركىبىدە سۇيۇقلۇق بولغان نەرسىلەر ئوتتا قىزىتىلغان ياكى قىزىق ياغقا سېلىنغاندىن كېيىن چىقىدىغان ئاۋاز: سۇ قايناپ تېشىپ مەش ئۈستىگە «پاژ» قىلىپ تۆكۈلگەندە چىققان ئاۋاز ئىچكىرىكى ئۆيگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

پاژژىدە

رەۋىش. «پاژ» قىلغان ھالدا، «پاژ» قىلىپ: سەرەڭگە قېپىدا ئاران بىر تال سەرەڭگە قاپتىكەن، شۇنچە ئاۋايلاپ چاقساممۇ «پاژژىدە» قىلدىدە، ئوت ئالماي ئۆچتى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە قاراڭغۇدا قالدۇق.