ئالىم ئەھەت

پاسون

[رۇسچە<فرانسۇزچە] ①ئىسىم. ھەر خىل كيىمكېچەكلەرنىڭ پىچىمى، تىكىلىشى ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، مودېلى: كوچىدا ھەر خىل پاسوندا كىيىنگەن ئون نەچچە كىشى ئالدىرىماي قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى. ②سۈپەت. يېڭى مودا بىلەن ياسىنىپ يۈرىدىغان؛ چىرايلىق: پاسون قىز. پاسون بولۇپ كەتمەك.

پاسىبان

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى، ئامانلىقىنى، دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆزەتكە، پوستقا قويۇلغان كىشى؛ قاراۋۇل، ساقچى: پادىشاھ دەررۇ پاسىبانلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھىمايە قىلغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى؛ غەمخور؛ باشپاناھ: سەپ بېشىدا پاسىبانىمىز، چېۋەر رولچىمىز بولغاچقا بۇ غايە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

پاسىبانلىق

ئىسىم. بىرەر كىشى ياكى نەرسىنى قوغداش، ئۇنى تۈرلۈك زىيان-زەخىمدىن ھىمايە قىلىش، غەمخورلۇق: كېچىلىرى يېرىم كېچىگىچە مەلىكە ئۇخلاپ، ئىنىكئانا پاسىبانلىق قىلسا، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئىنىكئانا ئۇخلاپ، مەلىكە پاسىبانلىق قىلدى.

پاسىق

سۈپەت [ئەرەبچە] ①بۇزۇلغان، چىرىگەن، سېسىغان: پاسىق سۆڭەكلەر ئاستىدىن جىنلار سەكرەپ چىقتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يامان، ئەخلاقسىز: مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھقا گىرىپتار بولغان پاسىق ئادەم. ③پاسكىنا، ئىپلاس: شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ پاسىق جادۇگەردىن ئۆچ ئالماقچى بوپتۇ.

پاشا

①ئىسىم [پارسچە] <زوئولوگىيە> ھاشارات، يېتىلگىنىنىڭ تېنى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن گەۋدىسىدە بىر جۈپ قانات ۋە ئۈچ جۈپ ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرى بولىدۇ؛ لىچىنكا ۋە قورچاقلىرى سۇدا يېتىلىدۇ؛ ئەركىكى ئۆسۈملۈك شىرنىسى بىلەن، چىشىسى ئادەم ۋە ھايۋان قېنىنى شوراش بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ؛ بەزگەك، يۇقۇملۇق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتىدۇ. ②[پا: شا] ئىسىم. بۇرۇنقى چاغلاردا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان نامى. ③خوتۇنقىزلارنى چاقىرىشتا ھۆرمەتلەش ياكى ئەركىلىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ: پاشا قىز. گۈلمىرە پاشا. ④خوتۇن-قىزلارنىڭ ئىسمى.