ئالىم ئەھەت

پاقىچىغىرتمىقى

ئىسىم [پاقا+چىغىرتماق+ئى] <بوتانىكا> چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈلى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، يۈزىدە قىزىل دېغى بولىدۇ؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە، ئۇرۇقى قارا كېلىدۇ؛ تېبابەتچىلىكتە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش، زەھەرنى كېسىش رولى بار.

پاقىسى قانماق

تىلىكى ئىجاۋەت بولماق، ئويلىغىنىدەك بولۇپ چىقماق، كۆڭلىدىكىدەك بولماق، ئارزۇسىغا يەتمەك:-ئەمدى پاقاڭ قانغاندۇ؟ 5000 يۈەنگە موتسىكلىت ئېلىپ، ئۇنى مىنگەنگە ئاسمانغا چىقىپ كەتمەسسەن؟-دېدى ئاۋۇت ئاكام ئوغلىنىڭ موتسىكلىتىغا قاراپ قويۇپ.

پاقىلىق

①سۈپەت. پاقا بار، پاقا قاپلىغان، پاقا كۆپ: پاقىلىق يەر. پاقىلىق كۆل. ②ئىسىم. تۈگمەننىڭ پاقىسى ئايلىنىپ تۇرىدىغان، پاقا ئورنىتىلىدىغان ئورۇن، جاي. ③سۈپەت. پاقا قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان: پاقىلىق تۆمۈر.