ئالىم ئەھەت

پاقىلەش

ئىسىم [پاقا+لەش] <بوتانىكا> جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، سۇدا لەيلەپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، غوزا مېۋىسى سوقىچاق. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.

پاقىيوپۇرماق

ئىسىم [پاقا+يوپۇرماق] <بوتانىكا> پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە تۇخۇمسىمان؛ گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە؛ ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.

پاك

سۈپەت [پارسچە] چاڭ-توزان، كىر قاتارلىقلاردىن خالىي، پاسكىنا بولمىغان، پاكىز: ئاق بولسۇن، پاك بولسۇن (ماقال). ②تەركىبى ساپ، بۇلغانمىغان، تازا: پاك سۇ. ③باشقا بىرىنىڭ ئەجرى، ھەققى ئارىلاشمىغان، ئۆزىگە خاس بولغان؛ ھالال: تاپقىنىم پاك، قۇلىقىم ساق (ماقال). ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. نامىغا داغ تەگمىگەن، يامان ئىللەت، يامان ئىشلاردىن خالىي، ساپ ۋىجدانلىق، ساپ: پاك دىل. پاك قىز. تارىخى پاك. پاك ئادەم.

پاك-پاكىز

①تاپتازا، ساپمۇساق، ناھايىتى پاكىز: ئاسفالت يوللار يامغۇر بىلەن يۇيۇلۇپ پاك-پاكىز بولۇپ كەتكەنىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرنىمۇ قويماي، پۈتۈنلەي: مېھمان بىر تەخسە مانتىنى پاك-پاكىز يەپ تۈگەتتى.