ئالىم ئەھەت

پاكلانماق

①«پاكلىماق» پېىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: تەرەت ئېلىپ پاكلانغان جامائەت بىر-بىرلەپ مەسچىتكە كېلىشكە باشلىدى. ②«پاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئاشۇ تويدا سېنىڭ روھىڭ شادلاندى، گۈل بېغىمىز شۇمبۇيىدىن پاكلاندى.

پاكىت

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] ①ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان، رېئال، بار نەرسە؛ ھەقىقىي ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇلار ھەققىدىكى مەلۇمات: پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ (ماقال). ②بىرەر ئىش، نەرسە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش، قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس، دەلىل، ھۆججەت: تارىخىي پاكىت. *پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

پاكىز

سۈپەت [پارسچە] تازا، پاك، ئېرىغ، مەينەت ئەمەس: پاكىز سۇ. پاكىز چىنە. ②تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان، ئۆزىنى پاكىز تۇتىدىغان: پاكىز بالا. پاكىز ئايال. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ۋىجدانلىق؛ پاك؛ توغرا؛ ئادىل: قىز دېمەك بولۇر پاكىز، پاكىزلىق دېمەككىم قىز. ④رەۋىش. قالدۇرماي، پۈتۈنلەي، تامامەن، تولۇق، تەلتۆكۈس: يولدىكى قارلار پاكىز سۈپۈرۈۋېتىلدى.