ئالىم ئەھەت

پالاقلىماق

پېئىل ①«پالاقپالاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق: ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈۋىدى، كاتەك تەرەپتىن توخۇلارنىڭ پالاقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىشنىڭ كويىدا يۈرمەك، ھەرىكەت قىلماق، غېمىنى يېمەك، ئىزدەنمەك: نىزامىدىن كوللېكتىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇدا بىر يىل پالاقلاپ يۈردى.

پالاكەت

[ئەرەبچە] ① ئىسىم. كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىدىن، ئىرادىسىدىن تاشقىرى؛ ئۇشتۇمتۇت، كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ھادىسە؛ بەختسىزلىك؛ بالا-قازا؛ ئاپەت: پالاكەت باسماق. *خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس (ماقال). ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چاققان ئەمەس، لەقۋا، لايغەزەل، ئېپى يوق؛ كېلەڭسىز: ئايۇپ ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى پالاكەترەك يىگىتلەردىن ئىدى.