ئالىم ئەھەت

پۇت

ئىسىم ①ئادەم، ھايۋان ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ يەرنى تايىنىپ تۇرۇشى، يۈرۈشى ياكى ئۆمىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ ئاياغ: ئوڭ پۇت. پۇتنى ئالماپ ئولتۇرماق. ②كارىۋات، ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئايىغى: ئورۇندۇق پۇتى. سافانىڭ پۇتى. ئۈستەلنىڭ پۇتى. ③مىقدار سۆز [رۇسچە] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر پۇت 83. 61 كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ.

پۇت -قولىنى چۈشىمەك

بىرەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى، پائالىيىتىنى چەكلەپ قويماق، قامال قىلماق، قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ قويماق: ئاممىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەيدىغان بۇنداق ئەمرىمەرۇپنى بەلگىلەپ بېرىش ئىنتايىن خاتا.

پۇتاق

ئىسىم ①دەل-دەرەخلەرنىڭ غولى ياكى چوڭ شاخلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارمىقى، يان شېخى: خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر پۈتۈن ياكى بىر يۈرۈش ئەقىدىلەرنىڭ مەلۇم تارمىقى، بۆلىكى: شەرىئەتنىڭ پۇتىقى تولا. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېتەرسىزلىك، نۇقسان، كەمچىلىك؛ قۇسۇر: سىزغۇ مېنىڭ گېپىمدىنمۇ، ئىشلىرىمدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپلا تۇرىسىز،-دېدى ئايالى ئېرىدىن نارازى بولۇپ.

پۇتاقلىق

سۈپەت ①پۇتىقى بار: ئاقموللا پۇتاقلىق كونا ئەگرى ھاسىغا تايانغىنىچە نازىمنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېرىلىپ تىڭشىدى. ②پۇتىقى كۆپ؛ پۇتىقى، شېخى تولا: قېرى ئۈجمە دەرىخى كېچىدىكى سىرلىق پىچىرلاشلارنى ئۆزىنىڭ پۇتاقلىق، كەڭ، قوپال غولىغا سىڭدۈرۈپ ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك سايە تاشلاپ تۇراتتى.

پۇتبول

ئىسىم [رۇسچە<ئىنگلىزچە] <تەنتەربىيە> ئىككى كاماندىنىڭ ئۆزئارا قارىمۇقارشى تەرەپلىرىدىكى ۋاراتاغا ئاياغ بىلەن تېپىش ياكى باش بىلەن ئۈسۈش ئارقىلىق كۆپرەك توپ كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەربىيە ئويۇنى ۋە شۇ ئويۇندا ئوينىلىدىغان توپ.