ئالىم ئەھەت

پۇچقاق

①ئىسىم. ھەر خىل پارچە-پۇرات تېرە پۇرۇچلىرى: پۇچقاق جۇۋا. ②سۈپەت. مەللە رەڭ، ئالىتاغىل: پۇچقاق مۈشۈك. ③ئىسىم. ئىشتاننىڭ تىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمى: ئىشتاننىڭ پۇچقىقى. پۇچقاقنى تۈرمەك. ④چەت، ياقا: بۇلۇڭ-پۇچقاق.

پۇچىلىماق

پېئىل ①چوغ ياكى قوقاسقا تاشلاپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ، سۈركەپ، ياكى كۆمۈپ پىشۇرماق: بالىلار كۆكۋاش پۇچىلاپ يېدى. *بېشىر ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈلخان يېقىپ دەستىلەرنى پۇچىلاپ ماتىغۇچ بىلەن ماتىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئازابلىماق، قىينىماق: رەشك ۋە كۈنداشلىق ئوتلىرى مەنسۇر بەگنىڭ ۋۇجۇدىنى پۇچىلىدى.

پۇچۇق

سۈپەت ①پارچىلانغان، ئۇچۇپ كەتكەن؛ سۇنغان: پۇچۇق چىنە. ②پۈتۈن ئەمەس، يېرىم: پۇچۇق نان. *ئەخمەت ۋە نۇردۇن ئەنە شۇ بىر زاغرىنى پۇچۇقتىن يېدى. ③پاناق، ماكچايغان، كەمتۈك: بۇرنى پۇچۇق. *دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).

پۇچۇقلىماق

پېئىل. پۈتۈن نەرسىنىڭ بىرەر يېرىنى سۇندۇرماق، پۇچۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇشتۇماق: ئۆي ئىگىسى مېھمانلارغا:-قېنى، مېھمانلار، چايغا باقايلى،-دېگەچ، لېگەندىكى ناننى پۇچۇقلىدى.