ئالىم ئەھەت

پۇچۇلماق

پېئىل ①بىر پۈتۈن ساق نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى سۇنۇپ كەتمەك، پۇچۇقلانماق، پۇچۇق بولماق: چەينەكنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتتى. ②قاتلىنىپ پۇرلىشىپ، ئەسلىي قىياپىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك: قوليازمىنىڭ چۆرىلىرى پۇچۇلۇپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەرد-ئەلەم، ئازاب دەستىدىن ئەسلىي كۆرۈنۈشنى يوقاتماق، قورۇق چۈشۈپ، سەتلەشمەك (يۈز، چىراي ھەققىدە): ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ، گۈزەل ھۆسنى پۇچۇلغانىدى.

پۇچەك

سۈپەت ①ئىچى بوش، مېغىز ئالالمىغان، مېغىزى يىگىلەپ كەتكەن؛ مېغىزى تولمىغان: پۇچەك دان. پۇچەك بۇغداي. پۇچەك ئۇرۇق. پۇچەك ياڭاق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان، تايىنى يوق، قۇرۇق: سادىقجان جوزىغا مۇشتلاپ، ۋارقىراپ، تۇتۇرۇقسىز پۇچەك گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى.

پۇچەكلەشمەك

پېئىل ①مېغىزى يوق پۇچەك ھالەتكە كەلمەك، پۇچەك بولۇپ قالماق: بۇ شالغا ئۈششۈك تېگىپ، پۇچەكلىشىپ كەتكەنلىكتىن جىڭ باسالمىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەنىسىز، قۇرۇق، چاكىنا بولۇپ قالماق: ئوقۇتقۇچى تۇرسۇننىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:-ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرى بىرئاز پۇچەكلىشىپ كېتىپتۇ.