ئالىم ئەھەت

پۇر

①تەقلىد سۆز. قۇشلار ئۇچقان چاغدا قانىتىنىڭ ھاۋادا ھەرىكەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: ئۈزۈمگە قونغان بىر توپ قۇشقاچلار «پۇر» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. ②رەۋىش [پارسچە] تولغان، تارقالغان، يېيىلغان، بىركەلگەن ھالەت: ئالەمگە پۇر كەتمەك.

پۇراتماق

①«پۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: گۆشنى پۇرىتىپ قويماق. ياغ پۇراتماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە دېمەكچى بولغىنىنى ئەسكەرتمەك، شەپە بەرمەك، دارىتماق: ئۇ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئالاھىدە پۇراتتى.

پۇراق

ئىسىم ①پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېزىلگەن ھەر خىل ھىد: مەززىلىك پۇراق. سېسىق پۇراق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئالامەت، بەلگە، شەپە: ئۇ كىشىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئەمەلدارلىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سۆزدە، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا ئۆزگىچە بىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت؛ ئۇسلۇب: مەتتۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن خوتەن تىلى دىئالكېتىنىڭ پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.