ئا

ئالىلىق

ئىسىم ①ئالا بولغان كۆرۈنۈش، ئالا ئىكەنلىك، ئالا ھالەت. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆڭلىدە ساقلانغان نارازىلىق، نىيىتىدىكى ئىككى خىللىق، كۆڭلىدىكى دۈشمەنلىك: ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئالىلىقىدىن قىلغان ئىشى راۋاج تاپمايدۇ.

ئالۇچا

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ. گۈلى قىزغۇچ، قىزىل كېلىدۇ، مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ پىشقاندا قىزىرىدۇ. ②شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

ئالەمچە

سۈپەت. ئالەمگە تەڭ كېلىدىغان، ناھايىتى كەڭ، ناھايىتى كۆپ: ۋەتەندۇر بىز مىليون پەرزەنتكە ئانا، ۋەتەندۇر مۇقەددەس مەڭگۈ باشپاناھ، ئوغلىمەن، دېمەككى مۇھەببىتىمنى ئالەمچە بار دېسەم ئاز كېلەر يانا.

ئاممىبابلاشماق

پېئىل. ئاممىغا لايىقلاشماق، ئاممىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئامما چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىگە كەلمەك: ماقالە ھەتتا دېھقانلار ئوقۇسا چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە ئاممىبابلاشقان تىل بويىچە يېزىلىشى كېرەك.

ئامۇت

ئىسىم <بوتانىكا> ①نەشپۈتنىڭ بىر سورتى، پىشقاندا مېۋە شۆپۈكى سېرىق يېشىل رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى سەل قىرتاق بولىدۇ. ②شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ③ئەرلەرنىڭ ئىسمى.