ئا

ئانار

ئىسىم [پارسچە] ①<بوتانىكا> ئانار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق؛ گۈلى قىزىل، ئاق ياكى سېرىق رەڭدە؛ مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ. ②شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ③ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئايالچە

سۈپەت ①ئايال كىشىگە خاس، ئايال كىشىگە ئاتالغان، ئاياللارغا مۇناسىپ: ئايالچە كۆڭلەك. ئايالچە سائەت. ②ئايال كىشىگە ئوخشاش، ئايال كىشى شەكلىدە: ئايالچە سۆزلىمەك. ئايالچە ياسانماق.