ئا

ئاپتاپ

ئىسىم [پارسچە] ①قۇياش، كۈن: ئاپتاپ چىقتى.*بىر كىشى ئەپەندىمدىن: «ئەپەندىم، ئاپتاپ ياخشىمۇ، ئايمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ②قۇياش تارقاتقان نۇر، ئىسسىقلىق: ئاپتاپ چاقتى. *-ۋۇي، ساۋۇت قارىي، يەنە مەيدەڭنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ ③قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان، قۇياش نۇرى ئىسسىتىپ تۇرغان جاي: مەن ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىدىم.

ئاتارمەن

ئىسىم. بىرەر ھوقۇق تۇتقان مەنسەپدارنىڭ ياكى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىدىغان ئادەم؛ قولچوماق: قازىنىڭ تىلى تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئاتارمەنلەر باقىنى سۆزلەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.

ئاقلىغۇچى

ئىسىم ①مەلۇم نەرسىنى ئاقلاش، ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى: ئۆي ئاقلىغۇچى. شال ئاقلىغۇچى. ②<قانۇن> سوتتا بىر كىشى ياكى تەرەپنى ھىمايە قىلغۇچى، شۇلار ئۈچۈن سۆزلىگۈچى، ئادۋوكات.

ئاتامان

1. ئىسىم. يولباشچى، سەردار: دەسلەپ سۇنجياڭ ئاندىن قالغان ئاتامانلارمۇ قاتار بولۇپ تىزلاندى.

2. ئىسىم. تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنچۇق؛ توپ: ئاتامان ئوينىماق.

ئاتقۇچىلىق

ئىسىم ①پاختا، يۇڭ قاتارلىقلارنى يۇمشىتىش، تىتىش ئىشى: توختىئاخۇن ئاكا يىل بويى ئاتقۇچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتى. ②ئوقيا ياكى مىلتىق قاتارلىقلارنى ئېتىش ئىشى: بىزنىڭ قىسىمدا ئاتقۇچىلىق بىلەن داڭ چىقارغانلار ئارانلا بىز ئىككىمىز.