ب

بىنائەن

تىركەلمە [ئەرەبچە] يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ كەينىگە ياندىشىپ كېلىپ، «بويىچە»، «ئاساسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: بوۋاينىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، كېلىن نان-چاي تەييارلىدى.

بۇدۇڭتەي

رەۋىش [خەنزۇچە] ①تەۋرەنمەي، مەزمۇت: ئۇ بۇدۇڭتەي تۇراتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھېچنېمىنى غەم قىلماي، خاتىرجەم، غەمسىز: ئۇ:-ئاكاڭ قارىغاي ئابلەق بۇدۇڭتەي ھارىقىنى ئىچىپ ئويناۋاتىدۇ،-دەپ خىيال سۈردى.