يازغۇچى – شائىرلار

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس 1924- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1934- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قەشقەر كونىشەھەردىكى نۇربېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939- يىلى 9- ئايدىن 1942- يىلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە، 1956- يىلى 6- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى. دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى تۇرغۇن ئالماس 40- يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، 1941- يىلى ئېلان قىلغان «قايتمايمىز» ناملىق شېئىرى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرغۇن ئالماس 1942- يىلى 8-...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىنى دەسلەپتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن باشلىغان بولۇپ، «تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا»، «سېسىق پايپاق مودا بولغان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل، 1952- يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1959- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1971- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن . 1972- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ ئورۇندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇق چۈشى»، «تاش شەھەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. خالىدە ئىسرائىل 1985- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى. ئۇ 1985- يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن نۇرغۇنلىغان شېئىر، ماقالە، تەرجىمە ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرگە ئايلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى تەرىپىدىن...

داۋامىنى ئوقۇڭ!