خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل، 1952- يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1959- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1971- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن . 1972- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ ئورۇندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇق چۈشى»، «تاش شەھەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

خالىدە ئىسرائىل 1985- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى.

ئۇ 1985- يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى – «ئېھ، ھايات» تىن باشلاپ ھازىرغىچە «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «يىلتىز»، «ھاڭگىرت كۆلى»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «ئۇ كۆزلەر»، «رەڭدار قۇيۇن»، «باھاردا ياغقان قار»، «ئوربىتا» قاتارلىق ساناقلىقلا ھېكايە، پوۋېستلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا تەسىرى زور يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم ھېكايە، پوۋېستلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. مۇھىم ئەسەرلىرى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دېگەن نام ئاستىدا توپلام قىلىنىپ قايتا نەشر قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاپتورلار قوشۇنى كۈنسايىن زورايغان، ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ئەسەرلىرى زور غۇلغۇلا قوزغىغان يازغۇچىلار ناھايىتى ئاز، خالىدە ئىسرائىل دەل مۇشۇ تىپتىكى ساناقلىقلا يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.

بىز خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت يولىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا مۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېس قىلىمىز: ئۇنىڭ ئىجادىيەت قەدىمى نىسبەتەن كېيىن تاشلانغان 1985 – يىلدىن بۇرۇن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنمىغان، ئۇنداقتا ئۇ تاسادىپىيلا نامەلۇم بىر غايىۋى كۈچتىن ئىلھاملىنىپ يازغۇچى بولۇپ قالدىمۇ؟ كىتابخانلار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممىلا ئەسەرلىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار. خالىدە ئىسرائىل بىر سەنئەتكارغا خاس سەۋرىچانلىق بىلەن رېئال تۇرمۇشنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزەتكەن، مىللىي ئەدەبىياتىمىز ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان ۋە ھايات، جەمئىيەت، شۇنداقلا ئەدەبىيات توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغان. ئالدىراپ نام چىقىرىشنى مەقسەت قىلماي، ئۇزۇن كۈنلەر بىلەن جىمجىت تۈنلەرنى جاپالىق ئىزدىنىشكە، ئۆزىدە ئالاھىدە بەدىئىي دىت يېتىلدۈرۈشكە سەرپ قىلغان. شۇنىسى ئېنىقكى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن – تىنسىز تۆككەن قان – تەرلەر يوشۇرۇنغان. شۇڭا، بىز خالىدە ئىسرائىل قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرگەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك يوشۇرۇن چېنىقىش، يەنى تەييارلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. چۈنكى، خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە نىسبەتەن ئاددىي، پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن، بەدىئىيلىكى تۆۋەن ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك. ئۇ گويا ئۇزاق مۇددەتلىك تىمتاسلىقتىن كېيىن تۇيۇقسىزلا چېقىلغان چېقىندەك شاۋقۇنسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئۆز جىلۋىسىنى نامايان قىلدى. ئاددىي، ئەمما ھەقىقىي «ئادەم»لىك ھېس – تۇيغۇغا، مۇرەككەپ، قېلىپسىز ھەم زىددىيەتلىك خاراكتېرگە ئىگە پېرسوناژلىرى، رىۋايەتتەك ساددا ۋە گۈزەل ئۇسلۇبى، دەبدەبىسىز، ئەمما ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ نازۇك روھىي تۈگۈنلىرىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان چۆچۈك تىلى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىدى … قىسقىسى، خەلق خالايدىغان ئەسەرلىرى بىلەن خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلدى.

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي ماھارىتى ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى – «ئېھ، ھايات» تىن باشلاپلا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. ئاپتور بۇ ھېكايىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەرنى يازغان ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاددىي، كىشىلەر تەرىپىدىن ئاياللارنىڭ غەيۋەتلىرى دەپ ئاتالغان «كۇس-كۇس» پاراڭلار ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ كىشىلەر تازا زەن سېلىپ كەتمەيدىغان، ئاسانلا ھېس قىلالمايدىغان نازۇك تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىدۇ.

دەرۋەقە، ھايات گۈزەل، ئۇنىڭ پىنھان چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئىنسانلارنىڭ تاتلىق تەبەسسۇمى بىلەن ئاچچىق كۆز يېشى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يازغۇچى ئارىشاڭدىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىقنىڭ كىچىككىنە بۇلۇڭنى تۇتقا قىلىپ، بىر تەرەپتىن، ئارىشاڭنىڭ مۇڭلۇق ئۆتمۈشىنى سۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆزلىرىدىن ياشلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان ياش چوكان گۈلچېھرەنىڭ دوختۇر قاسىمغا بولغان مۇھەببىتىنى تەسۋىرلەيدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل ھېكايە بىر گۈزەل شېئىرغا ياكى يېقىملىق مۇزىكىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا مۇكەممەل سيۇژىت قۇرۇلمىسى ۋە «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن» پېرسوناژلار ئوبرازى يوق. يازغۇچى بىر ماھىر قەلەم ئىگىسىگە خاس سەزگۈرلۈك بىلەن تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ۋە «تۇتامغا چىقمايدىغان» تەرەپلىرىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن سۈرەتلەپ بېرىدۇ.

ھېكايىدە تۇراخۇن بوۋاينىڭ گويا چۈشكە ئوخشاش بىر – بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئۇلانما ھېكايىلىرى بىزگە ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئۈزۈلمەس ئېقىمىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چۈچۈك كارتىنىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئارىشاڭغا كەلگەندىن كېيىن ياش چوكان گۈلچېھرەنىڭ قەلبىدە ئويغانغان مۇھەببەت ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋېتىدۇ. ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ … يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىشاڭدىكى ھەننىۋا كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئاياللار ھاۋا ئانىدىن قېپقالغان كۈنداشلىق ۋە رەشىك ئازابى بىلەن گۈلچېھرەگە ھەم ئۆچلۈك، ھەم قىزىقىش ئىچىدە قارايدۇ، ئەرلەر ئۆز نازاكىتى ۋە ئاياللارغا خاس ناز – خۇلقى بىلەن ھەممە ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى لەت قىلىۋاتقان بۇ يېقىملىق چوكانغا ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ … –

دېمەك ئارىشاڭ ئۆز نۆۋىتىدە بىر جەمئىيەت، شۇنداقلا ھاياتلىق دۇنياسى. يازغۇچى كىچىككىنە ئارىشاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ خىلۋەت بوشلۇقلىرىغا يوشۇرۇنغان ئاچچىق خۇشاللىق بىلەن شېرىن ئازابنى تولۇق ئېچىپ بېرىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، گۈزەللىكنىڭ ھەممىنى مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى، ئاددىي تۇرمۇش قاينىمىغا مۇرەككەپ ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ 1988 – يىلى ئېلان قىلىنغان «يىلتىز» ناملىق ھېكايىسىمۇ خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ھېكايە باشلىنىشى بىلەنلا ئاپتور ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان دىلئارا بىلەن ئادىلنىڭ مۇھەببىتىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ھېكايىنىڭ ئاساسىي تېمىسى باشقا يەردە، يەنى ھېكايىدە ئادىلنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى – تەكلىماكان باغرىدىكى خىلۋەت، نامرات يېزىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېزا تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر خېلىلا كۆپ يېزىلدى. بىراق، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بېيىشقا باشلىغان دېھقانلارنىڭ خۇشاللىقى، پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە بولغان مىننەتدارلىقى، بېيىغاندىن كېيىن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكى قاتارلىق يۈزە ۋەقەلەر ۋە تۇرمۇشنىڭ ئايرىم قىسىملىرىلا ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دېھقانلار ھاياتىنىڭ تاشقى پوستىلا سۈرەتلىنىپ، ئىچكى قىسمى، نېگىزلىك زىددىيەتلىرى، خۇشاللىق ۋە ھەسرىتى، قايغۇ – ئەلىمى ۋە ئەرزدادى ئەكس ئەتتۈرۈلمىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى شۇ مىللەتنىڭ خۇشاللىقى بىلەن كۈلكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئازابى بىلەن يىغىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم. ئۆز مىللىتىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلەلمىگەن ئەدەبىيات كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ ھېكايىسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن تەكلىماكان باغرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. قۇرغاق مۇھىت، جاپالىق شارائىت، ئەسىر – ئەسىرلەردىن بۇيان قۇملۇق بىلەن بولغان پۈتمەس – تۈگىمەس ئېلىشىش، خىلۋەت، پىنھان مۇھىتتا دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش، دىنىي ئاسارەتنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئۇچراش جەريانىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خاراكتېرىدە باشقا خەلقلەرگە ئوخشىمايدىغان، تەكلىماكان مۇھىتىغا خاس بولغان، تىنىمسىز پاجىئەلەرگە يانداشقان ۋە ئۆز خاراكتېرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغان ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەن.

بۇ خىل ئالاھىدىلىك قۇملۇق روھى (ياكى تەكلىماكان روھى) بىلەن چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن.

بىز يازغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇرمۇش تەسۋىرلىرىدىنلا ئەمەس، ھەتتا تەبىئەت ۋە مەنزىرە تەسۋىرلىرىدىنمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ساپ، ساددا، سۆيۈملۈك شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قەدەمدە ئۆز ئاجىزلىقىدىن غالىب كېلەلمەيدىغان روھىنى ھېس قىلغاندەك بولىمىز. بىز تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ئىككى خىل روھىنىڭ بۇ ئەسەردىكى ئىپادىسىنىڭ تەسىرىدىن زوقلىنىمىز ۋە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.

شۇنداق، قۇملۇق جانسىز، ھېسسىياتسىز، تىپتىنچ، ئەمما ئۇ پۈتۈن دەرد – ئەلىمىنى، غەزەپ نەپرىتىنى، شادلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئىچىگە چوڭقۇر يوشۇرغان.

ئۇ پەرداز قىلىشنى بىلمەيدىغان سەھرا ئاياللىرىدەك ساددا، بېزەكسىز، كۆرۈمسىز، ئەمما ئۇنىڭ ئىچ – باغرى پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنە …

دېمەك، «يىلتىز» ھېكايىسى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەپ بەرگەن. ئاپتور ھېكايىدە خۇشاللىقنى ئەمەس، ئاچچىق كۆز ياشنى، تىپىكلەشتۈرۈلگەن مۇھىتنى ئەمەس، بەلكى سىدام تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق گويا ئۈگدەپ ياتقان تەكلىماكان بارخانلىرىدەك جىملىققا كۆنۈككەن، شۈكرى – قانائەتكە ئۆگەتكەن، شاۋقۇنلۇق تۇرمۇشقا، گۈزەل كەلگۈسىگە ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرگە پەرۋاسىز، شۇنىڭدەك روھىي بۇرۇقتۇرمىلىققا مەھكۇم بولغان دېھقانلىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.

«ھاڭگىرت» كۆلى يازغۇچىنىڭ 1990- يىلى ئېلان قىلغان يەنە بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك ھېكايىسى ھېسابلىنىدۇ.

ھېكايە ھاڭگىرت كۆلىدىكى گويا گۈزەل بىر رىۋايەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى سەبىي بالىنىڭ سېھىرلىك ھېكايىسىدىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا رېئال تۇرمۇشقا قايتىدۇ. بالىلىق چاغلىرىدا ھاڭگىرت كۆلىدە بىللە سۇغا چۆمۈلۈپ گويا شوخ قۇمچاقلاردەك پىلتىڭلاپ ئويناپ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس گۈزەل بالىلىق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان بۇ ئىككى بالا تۇرمۇش رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خاتىرە گويا ھاڭگىرت كۆلىنىڭ تىنىق سۈيىگە ئوخشاش مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىدىكى ھېسسىيات بىردىنلا مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. زۆھرە ئۈچۈن ھاڭگىرت كۆلىدىكى گۈزەل ھايات قايتىدىن باشلىنىدۇ. مۇھەببەت ئۇنى ئازابلىق، ئەمما شېرىن تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدۇ … بىراق تەلپۈنۈش ئىچىدىكى گۈزەل ھايات ئۇزاققا بارمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يېڭى پاجىئەلەر، تراگېدىيىلىك توقۇنۇشلار ئۇنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى قانداق ئويغاتقان بولسا شۇ پېتى ھاڭگىرت كۆلىنىڭ سۈيىگە دەپنە قىلىۋېتىدۇ.

زۆھرە ئاخىر تەقدىرگە بويسۇنۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان يەنە بىر ئەرگە ياتلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ۋۇجۇدىدىكى كىچىككىنە ئۈمىد بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىدۇ. مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلىنى كەسىپكە بېغىشلايدۇ. كەسىپتىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ. بىراق، ئارقا – ئارقىدىن كېلىۋاتقان زەربىلەر، تۇرمۇشتىكى سوغۇقچىلىقلار ئۇنىڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ خورىتىشقا باشلايدۇ. دەل مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆز ئۆيىدە تۇنجى سۆيگەن كىشىسى يۈسۈپنى كۆرىدۇ ۋە قايتىدىن روھىي ئىزتىراپ ئىچىگە چۆكۈپ قالىدۇ. ئۆزىنى چىرماپ تۇرغان روھىي كىشەنلەردىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ شۇنداق، ئۇ قولدىن كەتكەن بەختى ۋە مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ ئۆز خاراكتېرىدىن غالىب كېلىدۇ ۋە بۇ ئائىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ، گەرچە زۆھرەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى تراگېدىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدىنىڭ ئىسيانكارلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.

ھېكايىدىكى پۈتكۈل بايانلار بىزگە بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بولۇپمۇ پېرسوناژلار خاراكتېرىدىكى تۇراقسىزلىق، مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەتلىك ئامىللار ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىقىنى نامايان قىلىشتا كۈچلۈك رول ئوينايدۇ. بىز ئەسەردىكى ئۈچ پېرسوناژنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالساق، ئۇلاردىكى ئوخشاش بولمىغان مۇرەككەپلىكلەرنى بايقايمىز. يۈسۈپ بىلەن ئەخمەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئوبرازنىڭ قايسىسىنى ياخشى كۆرۈپ، قايسىسىغا نەپرەتلىنىشىمىزنى بىلەلمەيمىز، ئۇلارغا باشتا ھېسداشلىق قىلساق، ئاخىرىغا بېرىپ نەپرەتلىنىمىز، يازغۇچى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پېرسوناژ يارىتىشتىكى ئەنئەنىۋى قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆز پېرسوناژلىرى يۈسۈپ بىلەن ئەخمەتنىڭ ئۆز خاراكتېرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

زۆھرە ھېكايىدىكى باش پېرسوناژدۇر. ئۇنىڭ پۈتكۈل خاراكتېرى مۇھەببەت، ئۈمىد، پاجىئە ئىچىدە خۇشاللىق بىلەن ئازاب ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇھىتتا يارىتىلىدۇ. يازغۇچى ئىنسان خاراكتېرىنىڭ زىددىيەتلىك، تۇراقسىز ۋە قېلىپقا چۈشمەيدىغان تەرەپلىرىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن زۆھرە ئوبرازىنى يارىتىشقا سەرپ قىلىدۇ.

بولۇپمۇ زۆھرەنىڭ پسىخىك خاراكتېرىنى ۋە روھىي داۋالغۇشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، زۆھرە ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي بۇرۇقتۇرمىلىقتىن كېيىن، چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۆز خاراكتېرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ئائىلە، جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە قائىدە – يوسۇن قاتارلىق رامكىلارنى بىراقلا ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، مۇھەببەتكە ئېرىشىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. شۇڭا، زۆھرەنىڭ پاجىئەگە ۋە تراگېدىيىگە يولۇققان ئاخىرقى تەقدىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ … ئۇ ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۈستى – ئۈستىلەپ ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن، ئۇ بىر ئىنسان بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئۇرۇنىدۇ، ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادە قىلىدۇ.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» يازغۇچىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى ۋە سۆيۈپ ئوقۇلدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، رېئالىزملىق روھ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى، گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكىدەك روشەن كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن ۋە ۋاسىتىلىك ئىپادىلەندى. مانا مۇشۇنداق روھ خالىدە ئىسرائىلنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەۋزىخاندىن ئىبارەت «قان ۋە گۆشى» بار ئوبرازدا يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

پوۋېستنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان جەريان گويا بىر گۈزەل رىۋايەتكە ياكى ئاق چاچلىق مومايلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە قۇيۇلۇۋاتقان سېھىرلىك چۆچەككە ئوخشايدۇ، بىراق بىز ئەسەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ھېچقانداق غەلىتىلىك، بىمەنىلىك ۋە ساختىلىق ھېس قىلمايمىز.

دەرۋەقە، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» پوۋېستى خەلقىمىز ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان ھەۋزىخان رىۋايىتىگە ئاساسەن يېزىلغان، بىراق ئاپتور ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا بۇ رىۋايەتكە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، قايتا – قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەن ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. رىۋايەتلەردىكى ئۇقۇملاشقان ۋە قېلىپلاشقان ھەۋزىخان ئوبرازىنى جانلىق، ئىشىنەرلىك ۋە كىتابخانلارنىڭ بەدىئىي ھەزىمى كۆتۈرگۈدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن.

ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يالتىراپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى ئىچىگە ئورالغان خىلۋەت يېزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ، ئاپتور ئاجايىپ سىپتا، نازۇك ۋە ئاددىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ بوستانلىقنىڭ قىياپىتىنى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ، شۇڭا بىز ئەسەر ئوقۇۋاتقىنىمىزدا گويا يېقىملىق بىر مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندەك ياكى شېئىر ئوقۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز.

ئەسەردىكى زىددىيەت – توقۇنۇشلارنىڭ ئۆتكۈرلۈكى پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تراگېدىيە تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى مەزكۇر پوۋېستنىڭ ئېستېتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئەسەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى تراگېدىيىلىك بىر جەرياننى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ:

ئاستا – ئاستا ھۆسنىگە تولۇپ، بويىغا يەتكەن ھەۋزىخان گۈزەل ۋە تىمتاس باغ ئىچىدە بىر يات ئەركىشى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقايماس جاراھەت قالىدۇ، بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى بۇ جاراھەت ياشلىق ئۇچقۇنلىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىغا يېڭى بىر كىشى بۆسۈپ كىرىدۇ، ھەقىقىي ۋاپارلىققا ۋە پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان ھەۋزىخان كېلىشكەن، ۋۇجۇدىدا ئەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان ئابدۇللانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئابدۇللامۇ ھەۋزىخاننىڭ كۆيۈك ئوتىدا تالاي ئازابلارنى چېكىدۇ. ئاقىۋەت ئۇلار مۇرادىغىمۇ يېتىدۇ، لېكىن بۇنداق بەختلىك كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ، ئابدۇللا بىردىنلا ھەۋزىخاننىڭ جانجىگەر دوستى ھەمراخاننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ – دە، ۋۇجۇدىدا ۋاپاسىزلىق، ئاسىيلىق ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ بورىنى قۇتراشقا باشلايدۇ.ل ئۇزۇندىن بۇيان ۋاپادارلىققا ۋە چىن مۇھەببەتكە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تەلپۈنۈپ كەلگەن ھەۋزىخان ئابدۇللارنىڭ ئاسىيلىقى نەتىجىسىدە يۈرىكى لەختە – لەختە قانغا تولىدۇ، كۈنداشلىق ۋە رەشىك ئوتى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى مىتىدەك غاجاپ، ئەسەبىيلىك ۋە غالجىرلىق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان جانجىگەر دوستى ھەمراخاننىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، قاراڭغۇ زىندانغا سولىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەۋزىخان ئەنە ئاشۇ دەقىقىلەردە يەنىلا دوستى ھەمراخاننى ياد ئېتىدۇ ۋە ئۆز قىلمىشىدىن ئۆكۈنىدۇ.

دېمەك، مۇھەببەت بىلەن تراگېدىيە ئىچىدە دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلغان ئەسەر – سيۇژىتى كىتابخانلارغا چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان، ھەزىمى كۆتۈرەلەيدىغان دەرىجىدە سۈرەتلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەقىقىي پېرسوناژلار ئوبرازى يارىتىلىدۇ.

بىز ئەسەردىكى ئۈچ ئاساسىي پېرسوناژنىڭ ھېچقايسىسىدىن ياسالمىلىق ۋە شەكىلۋازلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمايمىز، يازغۇچىنىڭ ئاستىدا پېرسوناژلار ئوبرازىدىكى قېلىپبازلىق بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، مەيلى ھەۋزىخان بولسۇن ياكى ئابدۇللا بولسۇن، مۇرەككەپلىككە ئىگە ئوبرازلاردۇر.

ئەسەرنىڭ بېشىدىن تارتىپلا بىز ھەۋزىخاننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ تەرەپلەرنى ھېس قىلىمىز. ئۇ شۇنچە ئاق كۆڭۈل، ساپ ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بىر ۋاپادار ئايال بولۇشىغا قارىماي، يەنە پۈتكۈل ئاياللارغا خاس بولغان ھېسسىياتچانلىق، كۈنداشلىق قاتارلىق روھىي ئامىللارغىمۇ ئىگە ئايال، مۇھەببەت ئاياللارنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ، كۈنداشلىق گويا بىر يالقۇنغا ئوخشاش ئۇلارنى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ.

دېمەك، ھەۋزىخانمۇ ھاۋا ئانىمىزدىن تارتىپ يەر شارىغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق بېغىشلاۋاتقان سانسىزلىغان ئاياللارغا ئوخشاشلا ئۆز خاراكتېرىنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان ئوبرازدۇر. شۇڭا، بىز ھەۋزىخاننىڭ كۈنداشلىق تۈپەيلىدىن دوستى ھەمراخانغا پىچاق سالغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا ھېسداشلىق قىلىمىز، يازغۇچى ئەسەردە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ رامكىغا چۈشمەيدىغان، قېلىپقا سېلىنمايدىغان كۆپ قىرلىق، تۇراقسىز ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەۋزىخان بىلەن ئابدۇللا ئوبرازىنى يارىتىشتا ئىپادە قىلغان. شۇڭا، بىز ھەۋزىخان ئوبرازىنى مۇكەممەللەشكەن ۋە تەگكىلى بولمايدىغان ئىلاھ ياكى مەبۇد سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ۋۇجۇدى ئويغاق، ئوڭ مۈرىسىدە پەرىشتە، سول مۈرىسىدە شەيتان قاراپ تۇرغان، تومۇرلىرىدا ئىسسىق قانلار غۇيۇلداۋاتقان ھەقىقىي ئادەم سۈپىتىدە ھېس قىلىمىز. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردىدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا خالىدە ئىسرائىلنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە مۇھەببەت تېمىلىرىغا بېغىشلانغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتىدۇ. بولۇپمۇ «رەڭدار قۇيۇن»، «ئوربىتا»، «باھاردا ياغقان قار»، «ئۇ كۆزلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى شۇ جۈملىدىندۇر، يازغۇچى بۇ ئەسەرلىرىدە جەمئىيىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم رېئال مەسىلىلەرنى، مىللىتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا بىخ سۈرگەن كېسەللىكلەرنى جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىغان ۋە كىتابخانلارنى ئويغا سالغان. بولۇپمۇ «رەڭدار قۇيۇن»نىڭ بۇ جەھەتتىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردىن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن:

بىرىنچى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا ئەنئەنىۋى قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ رامكىغا چۈشمەيدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، تىنچسىز ۋە كۆپ قىرلىق ھالەتلىرىنى ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «ئېھ، ھايات»تىكى گۈلچېھرە ئوبرازىدىن تارتىپ، «ھاڭگرت كۆلى»دىكى زۆھرە، يۈسۈپ ۋە ئەخمەتلەر: «قۇملۇقنىڭ چۈشى»دىكى ھەۋزىخان، ئابدۇللا ۋە ھەمراخانلار، «رەڭدار قۇيۇن» دىكى ئايشەم بىلەن ھامىدلارنىڭ ئوبرازىغا قەدەر ھەممىسى گۆشى ۋە ئۇستىخىنى بار پېرسوناژلاردۇر، بىز بۇ پېرسوناژلاردىن ئاددىيلىق ئىچىدىكى مۇرەككەپلىكنى، ئومۇمىيلىق ئىچىدىكى خاسلىقنى، پسىخىك ھالىتىدىكى توختاۋسىز ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىمىز. _

ئىككىنچى، تەبىئەت ياكى مەنزىرە تەسۋىرى بىلەن پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈۋېتىدۇ ياكى تەبىئەت بىلەن ئىنساننى بىرگەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ تاشلايدۇ. بىز دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن نازۇك ۋە ئىنچىكە بولغان روھىي ھالەت تەسۋىرىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ھېمىڭۋاينىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ۋەقەلىك يوق، بىراق ئاپتور بېلىقچى بوۋاينىڭ دېڭىزدىكى بىر كېچىلىك پائالىيىتى داۋامىدا ئىنسان بىلەن تەبىئەت (دېڭىز) ئوتتۇرىسىدىكى ھەم بىر – بىرى بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىدىغان ھەم بىر – بىرىگە باغلىنىدىغان ئىچكى مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. بېلىقچى بوۋاينىڭ خاراكتېرى دېڭىز تەسۋىرى ئىچىدە تەدرىجىي ئاشكارىلىنىدۇ. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ماھارەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن، «ھاڭگىرت كۆلى»دە ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا گويا بىر يېقىملىق مۇزىكىدەك سۈرەتلەنگەن كۆل تەسۋىرى بىزنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ، بىز زۆھرەنىڭ ھېسسىياتىدىكى داۋالغۇشلار بىلەن ھاڭگىرت كۆلىنىڭ قاتتىق يامغۇردىكى چايقىلىشلىرىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، تەبىئەتنىڭ ھەربىر تىنىقىدا ئىنسان ھېسسىياتىنىڭ ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا «قۇملۇقنىڭ چۈشى» پوۋېستىدىكى ھەۋزىخاننىڭ مۇرەككەپ ھېسسىياتى بىلەن چەكسىز قۇملۇق تەسۋىرىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش، «رەڭدار قۇيۇن»دىكى چۈشنىڭ تەكرارلىنىشى؛ «باھاردا ياغقان قار»دىكى ئەكبەرنىڭ شامالدا قېپقالغان ھالىتى ۋە قىلغان خىياللىرى دەل بۇ خىل بەدىئىي ماھارەتنىڭ يارقىن ئىپادىلىرىدۇر.

ئۈچىنچى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانىۋى تۈس بىلەن رىۋايەت ئۇسلۇبىغا قايتىشتىن ئىبارەت يېڭى يۈزلىنىش خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىدە روشەن ئىپادىلەنگەن

»قۇملۇقنىڭ چۈشى» پوۋېستى بىزگە بىر گۈزەل رىۋايەتنى ئەسلىتىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھەۋزىخان رىۋايىتىدىن ئۆرنەك ئالغان بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مۇرەككەپ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم دېتال بولىدۇ، ئاپتور خەلقىمىز ئارىسىدىكى بەزى ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان سۆز – جۈملىلەر ۋە قاراشلار بىلەن ھەۋزىخان پاجىئەسىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ، ھەۋزىخاننىڭ ئانىسى قىزىنىڭ چېچىنىڭ ئۈستىگە قايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ: «چېچىنىڭ ئۇچى ئۈستىگە قارايدىغان قىز بەختسىز بولىدۇ» دەيدۇ، ئەما پالچىمۇ ھەۋزىخانغا: «ئىسىت، سېكىلەك كۈنداشتىن ئۆلىدىكەن» دەيدۇ، دېگەندەك بۇ بېشارەتلەر ئاخىر بېرىپ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، بىز بۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ بەدىئىي سەزگۈرلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.

تۆتىنچى، خالىدە ئىسرائىل ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكرىنى ئۇجۇر – بۇجىرىغىچە يېزىپ ھەممىنى تولۇقى بىلەن كىتابخانغا تاپشۇرۇپ بەرمەستىن، بەلكى كىتابخانلارغا يېڭىۋاشتىن ئويلىنىش ۋە قايتا ئىجاد قىلىش پۇرسىتى قالدۇرىدۇ، شۇڭىمۇ نۇرغۇن كىتابخانلار ۋە ئوبزورچىلار خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ئۇنىڭ قەلىمىنىڭ «بېخىل» لىقىدا دەيدۇ، ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، بېشىنى كۆرۈپلا ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولىمىز، بۇنداق «تەييار ئاش» سۈپىتىدىكى ئەسەرلەر ئېسىمىزدىن تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بىراق بىز خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاققىچە ئەسەردىكى پېرسوناژلار بىلەن بىللە، خۇشال بولىمىز ھەم ئازابلىنىمىز، ھاياجان ئىچىدە خىيال سۈرىمىز … مانا بۇ ئاپتورنىڭ كىتابخانلارغا قالدۇرغان ئويلىنىش پۇرسىتى ۋە چەكسىز ئېستېتىك ئۈنمىدۇر.

بەشىنچى، خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاجىئە بىلەن سۇغۇرۇلغان، تراگېدىيىلىك توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر بىلەن تولغان.

مەلۇمكى، تراگېدىيىلىك گۈزەللىك – گۈزەللىكنىڭ بىر خىل يۇقىرى شەكلى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا قەدىمكى يۇنان تراگېدىيىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىغا قەدەر تراگېدىيە پۇرىقى قويۇق ئەسەرلەر ئىزچىل ئالقىشلىنىپ كەلدى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىمۇ توختاۋسىز تەكرارلىنىپ تۇرغان تراگېدىيىلەر ئىچىدە ئۆز – ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تراگېدىك ئەسەرلەر كۆپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي سەنئەت قىممىتىگە ئىگە تراگېدىيىلىك ئەسەرلەر كۆپ ئەمەس. خالىدە ئىسرائىل بىر ئايالغا خاس سەزگۈر كۆز بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تراگېدىك زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەن، بولۇپمۇ ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ماھىرلىق بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەۋزىخان ئوبرازىغا ئوخشاش بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ بىزدە قالدۇرغان تەسىراتى ئۇزاققىچە تارقالمايدۇ. بىزگە يىغا بىلەن يانداشقان مۇڭ، شېرىن ئازاب، ئىچكى ئىزتىراپ ۋە پاجىئە بىلەن سۇغۇرۇلغان شادلىق بەخش ئېتىدۇ.

UYGUR.COM

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *