ئە

ئەجدىھا، ئەجدىھاسى

ئىسىم [پارسچە] ①ئەپسانىۋى چوڭ يىلان. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. قانخۇر، ياۋۇز، زالىم: سەن بولساڭ بىر ئادەم، بەگ بولسا ئەجدىھا، ئۇنىڭ ئېزىق گۆشى بولاي دەمسەن؟ ③<ئاسترونومىيە> دېھقانلار كالېندارىدىكى ئون ئىككى مۈچەلنىڭ بەشىنچىسىنىڭ نامى.

ئەختەر

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①زۈھەل يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ يۇلتۇز: قانائەت كۆكسىنى تىلغان شىجائەت قەلىمى بىرلە، بىلىمنىڭ كانىنى ئىزدە ۋەتەن بەختىگە ئەختەر تاپ. ②ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەر-خوتۇنچىلىق

ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇناسىۋەت: ئۇ گەپكە ئارىلىشىپ:-شۇنداق، ئەمما دادىڭىز بىلەن ئانىڭىز ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئىناق ئۆتكەنغۇ !-دېدى.

ئەرگۇل

ئى ①بولت، گايكا ۋە چىشى مۈرۋەت قاتارلىقلارنىڭ يۈزىگە قىرىپ چىقىرىلىدىغان بۇرمىلىق سىزىقچىلار، رېزبا. ②باغلاپ قويۇلىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوغۇلۇپ ياكى چىرمىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نوختىنىڭ ئېڭەكلىكىگە ياكى بويۇن باغقا بېكىتىلىدىغان ھالقىسىمان تۆمۈر بۇرما.