ئە

ئەزىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①رەنج، ئازار، زىيان-زەخمەت: ئەزىيەت تارتماق. ئەزىيەت چەكمەك. ②قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت، ئازاب: چۈشۈمدە بىر يۇرتتا بىر توپ خەلق قوللىرى باغلىنىپ، يۈرەك-باغرى داغلىنىپ ئەزىيەت ئىچىدە قاپتۇ.

ئەس-ياد

①ئەس ۋە ياد، ئەس-ھوش: مەن يەرنى ئاران-ئاران دەسسەپ، ئەس-يادىمنى يوقاتقان ھالدا، ئويمان-دۆڭ، لاي-لاتقىلارنى كېچىپ، چەكسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ②پۈتۈن ئوي، بارلىق خىيال: چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا ئىكەن.

ئەسكەر

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ھەربىي قوشۇن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك جەڭچى: پىيادە ئەسكەر. ئاتلىق ئەسكەر. ②دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى؛ قوشۇن، ئارمىيە: مۇنتىزىم ئەسكەر. خەلق ئەسكىرى.

ئەسىر

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<تارىخ> يۈز يىل بىر دەۋر قىلىنغان ۋاقىت بىرلىكى: ئەبۇناسىر فارابى 10-ئەسىردە «ئۇد» مۇزىكىسىنى تىلغا ئالغان. ②دەۋر، زامان: ئوتتۇرا ئەسىر. بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىردۇر بۇ، بىلىش لازىم بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق. ③ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى، تۇتقۇن: ئەسىرگە ئالماق. ئەسىرگە چۈشمەك. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. بىرەر كىشى، ئىش ياكى نەرسىگە بېرىلىپ كەتكەن، شەيدا بولغان كىشى؛ مەپتۇن، مەھلىيا، بەند، قۇل: سازەندە ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئالدىرىماستىن خەلق ناخشىلىرىدىن باشلىۋەتتى. مېھمانلار بىردىنلا جىم بولۇشۇپ دۇتارغا ئەسىر بولۇشتى. ⑤كۈن پېتىشتىن بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىت: ئەسىر ۋاقتى. ⑥ئەسىر ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ناماز: ئەسىر ئوقۇماق.

ئەقىل تاپماق

يېڭى تەسىرات، يېڭى ساۋاق ۋە چارە-تەدبىرگە ئىگە بولماق، يېڭى بىر بىلىمگە ئېرىشمەك: كىتاب-دەپتەر، قەلەمنى، چۈشۈرمەيمەن قولۇمدىن. كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ ئەقىل تاپتىم ئۇنىڭدىن.