ئە

ئەزالىق

①ئىسىم. بىرەر كوللېكتىپ، گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتقا مەنسۇپلۇق، تەۋەلىك: ئەزالىق كىنىشكىسى. ئەزالىق بەدىلى. ②سۈپەت <ماتېماتىكا> ئەزاسى بار، ئەزادىن تەشكىل تاپقان، ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئۈچ ئەزالىق ئەمەل. بىر نامەلۇملۇق ئىككى ئەزالىق تەڭلىمە. كۆپ ئەزالىق تەڭلىمىلەرنى يەشمەك.

ئەزەلىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <پەلسەپە> ئىدېئالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسى. ئۇ بىلىش ئوبيېكتىپ شەيئىدىن، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن، ھېس-تۇيغۇدىن بۇرۇن بولىدىغان نەرسە، ئۇ تۇغما (ئەزەلىي) بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئەزەلدىن بار بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.