ئە

ئەنسىرەشمەك

«ئەنسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزنىڭ «زۇنۇن لەقۋاغا ياتلىق بولماقچى ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆز-چۆچەكلەرگە قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىشەتتى.

ئەيلەشمەك

①«ئەيلىمەك» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئاشتىن چىققان تېرىلەرنى سۈپەتكە كېپىللىك قىلىش شەرتى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ بەس-بەس بىلەن ئەيلەشتى. ②«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: كونا جەمئىيەتتە ئەجنەبىي مۇغەمبەرلەر ئوغرىدەك قەست ئەيلىشىپ، جۇڭگونىڭ پۇت-قولىغا گاڭ چېتىقىنى چاتقانىدى.

ئەڭلىكئوت

ئىسىم [ئەڭلىك+ئوت] <بوتانىكا> ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز كېلىدۇ، مېۋىسى قاتتىق، شەكلى تۇخۇمسىمان ۋە سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ يىلتىزى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

ئەھۋاللاشماق

پېئىل ①بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال، تىنچلىق-ئامانلىق سوراشماق: ئەختەم گۈلچەمخان چوڭ ئانامغا قاراپ كېلىۋېتىپ، گۈللۈك يېنىدا ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە جۈپلەپ تەزىم قىلدى. قەددىنى رۇسلاپ ئەھۋاللاشتى. ②ھاللاشماق، پاراڭلاشماق، سۆزلەشمەك؛ پىكىرلەشمەك: تاشۋاي كىشىلەرگە سالام بېرىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ.

ئەۋزەللىك

ئىسىم. ئەۋزەل شارائىت، ئەۋزەل خۇسۇسىيەت: دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى بىر ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

ئەبگار

سۈپەت [پارسچە] ①ھال ئەھۋالى ناچار، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ خاراب: بۇ جاراھەتلەر ئۇنى تولىمۇ كۆرۈمسىز، ئەبگار كۆرسىتىپ تۇراتتى. ②ئورۇق، زەئىپ، جۈدەڭگۈ؛ ئاجىز: ئەتىياز كۈنى تاغدىن ھەيدەپ كېلىنگەن قويلارنىڭ ھەممىسى ئەبگار ئىكەن.