ئە

ئەت

ئىسىم ①ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى: ئەت قونماق. ئەت تۇتماق. ②بەزى مېۋىلەرنىڭ گۆش قىسمى: ئېتى چۈرۈك قوغۇن. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى: ئەت توپا.

ئەجىن

ئىسىم. <يېزىق تىلى> ئادەمنىڭ يۈز-كۆز ۋە بەدەنلىرىدە ھاسىل بولىدىغان قورۇق ۋە سىزىقلار: شۇندىمۇ پەسەيمەي ئىشەنچ يالقۇنۇڭ، ئىشلەپسەن، كۈن ۋە تۈن ئۇنتۇپ ئۆزۈڭنى، ئورۇقلاپ كېتىپسەن جاپالىق ئىشتا، قاپلاپتۇ كۆپ يېڭى ئەجىن يۈزۈڭنى.

ئەدنا، ئەدناسى

سۈپەت [ئەرەبچە] جانلىق تىل. ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك، ئەقەللىيسى، ئاددىيسى: بىرەر يېڭى ئىش قىلماقچى ئىكەنمىز، چوقۇم ئۇنىڭغا مەلۇم ئىقتىساد كېتىدۇ. ئەدناسى، قۇشقاچ تۇتۇش ئۈچۈنمۇ بىر سىقىم تېرىق بولمىسا بولمايدۇ.

ئەدەبىياتشۇناسلىق

ئىسىم <ئەدەبىيات> ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئەر

ئىسىم ①ئەركەك جىنسقا مەنسۇپ كىشى؛ ئەركەك: ئەر كىشى. ئەر خەق. بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس (ماقال). ②خوتۇن كىشى بىلەن نىكاھ ئەھدىدە بولغان ئەر كىشى (ئۆز خوتۇنىغا نىسبەتەن): بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە باق (ماقال). ئەر قەيەردە بولسا، خوتۇن شۇ يەردە (ماقال). ③مەرد يىگىت، ئالىيجاناب، جەسۇر كىشى: ئەل بار يەردە ئەر بار (ماقال).

ئەرزان

سۈپەت [پارسچە] ①باھاسى، نەرخى تۆۋەن، قىممەت ئەمەس: ئەرزان مال. ئەرزان ساتماق. ئەرزان بەرمەك.*ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق (ماقال). //ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ بازاردا چىققان نەرخى بار (ماقال). ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئەتىۋارى يوق، ئەتىۋارسىز قارىلىدىغان، تايىنى يوق، تۇتۇرۇقسىز: يۇرتقا كەلگەن بۆز ئەرزان، ئېغىزغا كەلگەن سۆز ئەرزان (ماقال).