ئە

ئەدلىيە

ئىسىم [ئەرەبچە] <قانۇن> خەلق سوت ئىشلىرىدا قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى تۇرغۇزۇلغان ئەنزە دېلولىرى، ھۆكۈم ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرىدىغان تەپتىش ئورگىنى.

ئەرەب رەقەملىرى

<ماتېماتىكا> ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ۋە ھازىر خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان، ناھايىتى كەڭ تارقالغان سان بەلگىلىرى، رەقەملەر يەنى 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9

ئەزىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①رەنج، ئازار، زىيان-زەخمەت: ئەزىيەت تارتماق. ئەزىيەت چەكمەك. ②قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت، ئازاب: چۈشۈمدە بىر يۇرتتا بىر توپ خەلق قوللىرى باغلىنىپ، يۈرەك-باغرى داغلىنىپ ئەزىيەت ئىچىدە قاپتۇ.

ئەس-ياد

①ئەس ۋە ياد، ئەس-ھوش: مەن يەرنى ئاران-ئاران دەسسەپ، ئەس-يادىمنى يوقاتقان ھالدا، ئويمان-دۆڭ، لاي-لاتقىلارنى كېچىپ، چەكسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ②پۈتۈن ئوي، بارلىق خىيال: چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا ئىكەن.